تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ: چىلان دېھقانلارنى باي قىلدى

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانچى چېن شىياۋمىڭ ھويلىسىدا چىلانلارنى قۇرۇتماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسىدە چىلاندىن كەڭ كۆلەمدە مول ھوسۇل ئېلىندى. چاقىلىق ناھىيەسى ئېلىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان چىلاننىڭ سۈپىتى ياخشى، تەمى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقى چىقىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 2019-يىلى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چىلان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمىنى 233 مىڭ 800 موغا، يېشىل چىلان بازىسى 100 مىڭ موغا، ئورگانىك چىلان بازىسى 100 مىڭ موغا يەتتى. چىلان كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيەدىكى چىلانچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانلىقتا، چىلانچى قاققان چىلانلارنىڭ يوپۇرمىقىنى ئايرىماقتا.

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانلىقتا، چىلانچى ئەمدىلا قېقىپ چۈشۈرگەن چىلانلارنى يىغماقتا.

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانلىقتا، چىلانچى چىلان قاقماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى