تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن شەھىرىنىڭ «بىر قونالغۇغا بىر تەدبىر»ى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجې خەۋىرى): «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قونغان پۇقراۋى قونالغۇدا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ ئىدى، بۈگۈن قونغان پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ھويلىسىدا گۈل-گىياھلار باراقسان ئىكەن، ھەربىر پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.» 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاۋ فەنمېي شۇنداق دېدى، ئۇ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىكى «چوڭقۇر ساياھەت»ىدە، سەپەر جەريانىدا خاس پۇقراۋى قونالغۇنى كۆرسىلا كىرىپ قونۇپ چىققان.

  جاۋ فەنمېيغا ئوخشاش، خوتەن شەھىرىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا قونۇپ باققان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىر پۇقراۋى قونالغۇدا ئوخشاش بولمىغان ھېس-تۇيغۇلارغا ئىگە بولغان. خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاۋ يۈمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى 9-ئايدا، خوتەن شەھىرىدىكى مېھمانخانا ۋە مېھمانسارايلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى، ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىدىكى «ياتاق تېپىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ياخشىلاش، ساياھەتچىلەرگە خوتەننىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن، خوتەن شەھىرى ساياھەت بويىچە پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ تۈرلۈك ساياھەت بايلىقىنى تۈرگە ئايرىپ، پۇقراۋى قونالغۇ شارائىتىنى ھازىرلىغان 11 نۇقتىدا پۇقراۋى قونالغۇ قۇردى ھەمدە ھەرقايسى نۇقتىلارنىڭ ئۆز بايلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە، «بىر قونالغۇغا بىر تەدبىر» تىجارەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

  پۇقراۋى قونالغۇغا قارىتىلغان «بىر قونالغۇغا بىر تەدبىر» تىجارەت لايىھەسى دېگىنىمىز، ھەربىر پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئۆز بايلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەتراپىدىكى بايلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر پۇقراۋى قونالغۇغا قارىتا بىر خىل ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، بىر تىجارەت ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى پۇقراۋى قونالغۇنىڭ تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھەمدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  مەسىلەن، قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى نىيە كىشىلىرى پۇقراۋى قونالغۇسى بولسا قۇملۇق بىلەن ئورالغان مېھمانساراي بولۇپ، بىر ياتاق بىر كۆرۈنۈشتە بېزىلىشتەك خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ پۇقراۋى قونالغۇ ئەتراپتىكى قۇملۇقتا قونۇش ۋە قۇملۇق مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئالاھىدە ساياھەتچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكى شىددەت بىلەن تېز تەرەققي قىلغان. 2019-يىلى، خوتەن شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلى كۆپ ئاشقان. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 2 مىليون 957 مىڭ 200 ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %204 ئاشقان، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش كىرىمى 3 مىليارد 698 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %173 ئاشقان. (سۈرەتلەرنى خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى