تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 50 يىل بولدى، شىنجاڭنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى لى پېڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

«يەنە نۇرغۇن ئىش مېنىڭ قايتىپ بېرىپ ئىشلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.» 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ قۇملۇق چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى پېڭ بىرىنچى ۋاقىتتا يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، چىرا ناھىيەسىگە قايتىشقا تەييارلاندى.

بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن لى پېڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كەتمەي، چىلانچىلىق كەسپىنى بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.

 «كومپارتىيە ئەزاسى مەڭگۈ پېنسىيەگە چىقمايدۇ»

1951- يىلى، لى پېڭ سەنشى لۈلياڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1970- يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ شىنجاڭغا كەلگەن، 1973- يىلى پارتىيەگە كىرگەن، ئىلگىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، باغ - ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە خېلى زور تۆھپە قوشقان.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن، شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يەنە يېڭى تۆھپە قوشتى. 2009- يىلى، لى پېڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، قەتئىيلىك بىلەن چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئارىش كەنتىگە كېلىپ ماكانلىشىپ بىر ئىشلىگەنچە ئون يىل ئىشلىدى.

نۇرغۇن كىشى لى پېڭنىڭ نېمە ئۈچۈن بەخىرامان پېنسىيە تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، قۇملۇققا كېلىپ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدى. «كومپارتىيە ئەزاسى مەڭگۈ پېنسىيەگە چىقمايدۇ.» دېدى لى پېڭ. «خوتەن گەرچە جاپالىق، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، ئەمما خوتەن خەلقى ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ بۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەجەبا مەن قىلالمامدىم؟ مەن ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن!»

ئارىش كەنتى ئېغىر نامرات كەنت، كىشى بېشىغا 1.3 مودىن يەر توغرا كېلىدۇ، %90 كەنت ئاھالىسى نامرات ئاھالە. ئادەم كۆپ، يەر ئاز، تەبىئىي مۇھىت ناچار، ناۋادا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولمىسا، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش بولمىسا، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ناھايىتى تەس.

چىرا ناھىيەسىنىڭ توختىماي قۇم - بوران چىقىپ تۇرىدىغان 3- نومۇرلۇق بوران ئېغىزىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، لى پېڭ بۇ جايدا شىنجاڭ قۇملۇق چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى قارار قىلدى.

 قۇم بارخانلىرى بوستانلىققا ئايلاندى

لى پېڭ بەرپا قىلغان چىلان بازىسىنىڭ تۆت ئەتراپى ئاق تېرەكلەر بىلەن ئورالغان، چىلان شاخلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، ئىلگىرىكى چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە ئېكولوگىيە تىپىدىكى ئۆلچەملەشكەن چىلان ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى.

بۇلارنىڭ ئارقىسىدا ھېچكىم بىلمەيدىغان جاپا - مۇشەققەت بار.

چىرا ناھىيەسىگە دەسلەپ كەلگەندە، لى پېڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ نەچچە كىۋادرات مېتىرلا كېلىدىغان بىر ئېغىزلىق پاكار كونا ئۆيىدە تۇرغان بولۇپ، ئىشىكتىن كىرسە بېشى تاقىشاتتى، يەنە پاشا - قۇرتلارنىڭ چېقىشىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىدى.

«ئەينى چاغدا، قاقاس قۇم بارخانلىرى ۋە قاتمۇقات تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرى ئالدىدا، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تاللىشىدىن گۇمانلانغان، ئىككىلەنگەنىدىم» دېدى لى پېڭ ئەسلەپ.

قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش كېرەكمۇ ياكى يالتىيىۋېلىش كېرەكمۇ؟ لى پېڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ ئاغرىتقاچقا، ئۇ بېلىنى تۈزلىيەلمەيتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ھاسىغا تايىنىپ ئېتىزلىقتا ئەمگەك قىلدى؛ ئاشقازىنى ئاغرىپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز بىر قوشۇقمۇ تاماق يېيەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلدى؛ ھېرىپ - چارچاپ ياندۇرسىمۇ، ھەتتا ئۆت سۇيۇقلۇقى يېنىپ كەتسىمۇ، ئۇ يەنىلا چىشىنى چىڭ چىشلەپ بەرداشلىق بەردى.

قۇملۇقنى تۈزلەش، قۇملۇقنى تىزگىنلەشكە كېتىدىغان مەبلەغ بەك زور بولغاچقا، لى پېڭ دۇچ كەلگەن مەبلەغ بېسىمىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆيىنى سېتىۋەتتى. يالغۇز پەرزەنت بولسىمۇ، ئەينى چاغدا لى پېڭ ھەتتا ئۆيىگە قايتىپ كېسەلچان دادىسىنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمىدى. 90 نەچچە ياشلىق دادىسى ئۇنى چۈشىنىپ، كەسكىنلىك بىلەن قۇملۇققا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ جاپالىق چاغلاردا ھەمراھ بولدى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ جەسەت سۆڭىكى مۇشۇ يەرگە كۆمۈلدى.

مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە قەتئىي بوشاشماي تىرىشىشقا تايىنىپ، 2013 - يىلىدىن باشلاپ، لى پېڭنىڭ بۇ چىلانزارلىقى ئاخىر مول مېۋە بەردى، بىر يىلدا چىلاندىن 600 توننا ھوسۇل ئېلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، 800 مىڭ تۈپ چىلان كۆچىتى، تېرەك كۆچىتى جەڭچىگە ئوخشاش بۇ تۇپراقنى قوغدىماقتا، 2400 مو كۆلەمدىكى قۇم بارخانلىرىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئاخىر رېئاللىققا ئايلاندى. جاپا - مۇشەققەتنى يەتكۈچە تارتقان ئۇ شېرىن جاۋابقا ئېرىشىشكە باشلىدى.

 كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ تەڭ بېيىش

لى پېڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشىدىغان ئۈنۈملۈك يول.

لى پېڭ ئەگەر ئىزچىل چىلانلا ئۆستۈرىدىغان، چىلانلا يىغىدىغان، چىلانلا ساتىدىغان ھازىرقى ھالەتتە توختاپ قالسا، چىلانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا چىقىش يولى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، پائال تۈر مەبلىغى غەملەپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى. شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، 2018 - يىلى، ئۇ مەبلەغ سېلىپ 7500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى چىلاننى دەسلەپكى پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى، يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 6000 توننىغا يەتتى، مۇشۇ بىر تۈردىلا شۇ جايدىكى 250تىن كۆپرەك ئاممىنىڭ قىش پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

30 ياشلىق پاتىگۈل ئابلىزنىڭ چىلان بازىسىدا ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ئۇ تىرىشچان بولغاچقا، ئوت - چۆپ يۇلۇپ، شاخ - شۇمبا تېرىپ بىر كۈندە 60 يۈەن تاپالايدۇ. «بىزنىڭ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەشكە ئامراق. ئاز بولغاندا 100گە يېقىن ئادەم، كۆپ بولغاندا 160تىن كۆپرەك ئادەم كېلىپ ئىشلەيدۇ، لى دىرېكتور شۇ كۈنىلا ئىش ھەققىمىزنى بېرىدۇ» دېدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئارىش كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2009- يىلىدىكى 2173 يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 9300 يۈەنگە كۆپەيدى.

لى پېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 50 يىل بولدى، شىنجاڭنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن. مەن كېيىنكى ۋاقتىم ۋە ئۆمرۈمنى چىرا خەلقىگە تەقدىم قىلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، <چىلانچىلىق كەسپىدىكى ئارزۇيۇم>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تولۇق غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى