تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلگىرىكى خۇش پېئىل قىز يەنە قايتىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جېڭ جو، سۈي يۈنيەن

8- ئاينىڭ 26- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى چاقار كەنتىدە، راھىلە قىزىل رەڭلىك توكسىكلىتقا مىنىپ، تۈپتۈز يېزا تاشيولىنى بويلاپ ماڭغىنىچە، بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىغا ئىشقا باردى.

راھىلەنىڭ كەيپىياتى باشقىچە ياخشى ئىدى، ئالدىنقى كۈنى بىر تۈركۈم زاكاز ئىشتاننى پۈتكۈزۈپ بولدى، زاۋۇت باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئېغىر ۋەزىپىنى تاماملاپ يەڭگىللەپ قالغانىدى. ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىرمەھەل چۈمبەل بىلەن ئورالغان بۇ چىرايدىن ياشلىق ۋە خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى خۇش پېئىل قىز يەنە قايتىپ كەلدى دېيىشىدۇ.

 زاۋۇتتىكى «خۇشاللىق ئەلچىسى»

راھىلە ھەر كۈنى كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ، زاۋۇتتىكىلەر بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. ئۇ زاۋۇتتىكى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، يەنە تېخنىكلارغا ياردەملىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كىيىم - كېچەك ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرنەك كىيىملەرنى تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تالونىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل.

«بىزنىڭ زاۋۇتتىكى تېخنىكلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن پېشقەدەم ئۇستاملار، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش جەريانىدا، تېخنىكلار ئىشچىلارنىڭ ئىشلەش جەريانىنى ئايلىنىپ تەكشۈرىدۇ، مەسىلەن، تىكىش ئارىلىقىنى قانچىلىك زىچلىققا يەتكۈزۈش كېرەك، تىككۈچىلىكتە قايسى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك قاتارلىقلار.» راھىلەنىڭ دېيىشىچە، ئىشچىلار پىچىش، تىكىش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسا، ئۇ تېخنىكلار بىلەن بىرلىكتە ئىشچىلار بىلەن پىكىرلىشىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخنىكا تەرتىپى، سۈپەتنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە راھىلە ھەممىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، سېخ باشقۇرۇشقا دائىر تەجرىبىلەرنى توپلىغان.

خىزمەتدىشى گۈلنىسا تۇرسۇن بۇ خۇش پېئىل زاۋۇت ياردەمچىسى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. «راھىلە كۈلۈپلا تۇرىدۇ، ئەمما خىزمەت ۋاقتىدا ناھايىتى كەسكىن، ئەستايىدىل، كەسپىنى سۆيىدۇ، بىزنىڭ چۈشەنمىگەنلىرىمىز بولسا ئۇ تېخنىكلارنى تېپىپ بىزگە ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىز ئىشقا ئۇچرىساق، ئۇنى ئىزدەپ مۇڭدىشىمىز.» گۈلنىسا مۇنداق دېدى: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان راھىلە يەنە زاۋۇتنىڭ ئاياللار مۇدىرى، ئۇ ئايال ئىشچىلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغىچە ھەممە ئىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ كۆپچىلىككە يول كۆرسىتىدۇ.

«زاۋۇتتا ئايال ئىشچىلار كۆپ، بەزىدە ئىشلەۋاتقاندا كىمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، كۆڭلىدە بىر ئىش بارلىقىنى كۆرگىنىمدە ئىزدەپ پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى خۇش قىلىمەن.» راھىلەنىڭ قارىشىچە، ياخشى كەيپىيات بىلەن خىزمەت قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

«ھازىر مەن ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، دوستلىرىم بىلەن ناھىيەگە كىرىپ بازار ئارىلاپ ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى سېتىۋالىمەن.» مائاشىنى قانداق خەجلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا راھىلەنىڭ كۈلكىگە تولغان چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ، ھەر ئايدا ئېشىنغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئامانەت قويىمەن، دېدى.

 بىرمەھەل كۈلكىدىن مەھرۇم قېلىش

راھىلە كىچىكىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەر كۈنى گۈلدەك ئېچىلىپ غەمسىز يۈرەتتى، دېيىشىدۇ. لېكىن بۇ خۇشاللىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يۇقۇملىشى بىلەن بىرمەھەل يوقالغان.

2009- يىلى، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن راھىلە توي قىلدى. تويدىن كېيىن، راھىلە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھەر كۈنى خۇشال - خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يۈردى. لېكىن ئۇزاققا بارماي غەيۋەت - شىكايەتلەر يېغىشقا باشلىدى.

«كەنتىمىزدىكى نىقابلىق كىيىم كىيگەن ئاياللار مېنى ئۇنى - بۇنى دېيىشتى، ئۇلار توي قىلغان ئايال بۇنداق يۈزىنى ئېچىپ يۈرسە بولمايدۇ، يۈزىنى ئېچىپ كۈلۈپ يۈرسە يامان بولىدۇ، كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۆيىدىكىلەرنى نەس باسىدۇ، دەپ بىلجىرلاشتى.» راھىلەنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇمۇ نىقابلىق قارا كىيىم كىيىپ، چۈمبەل ئارتىپ يۈزىنى ئورىغان. ھەر كۈنى ھويلىسىدىلا يۈرۈپ، ئاساسەن سىرتقا چىقمىغان، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان. ئىلگىرىكى خۇش پېئىل قىز غايىب بولغان.

بۇ ھالەت ئۇدا نەچچە يىل داۋاملاشتى، ئېرى ئوبۇل ھەسەن ئاخىر چىداپ تۇرالماي، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆيىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، راھىلە كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

خۇشاللىق قانداق قىلىپ يوقالدى؟ راھىلە مەكتەپتە بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى.

«دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن مەن خۇشاللىقىمنى يوقاتتىم، ئىدىيەمنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن خۇشاللىقىمنى قايتا تاپالايمەن.» راھىلەنىڭ دېيىشىچە، تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپتۇ، يەنە كىيىم - كېچەك كېسىمچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپتۇ. «مەن مەكتەپتە نۇرغۇن مودا كىيىم - كېچەك ژۇرناللىرىنى كۆردۈم، ئۇنىڭدىكى يېڭى پاسوندىكى كىيىم - كېچەكلەر بەك چىرايلىق ئىكەن.» راھىلەنىڭ كىيىم پىچىشقا بولغان قىزىقىشى زور دەرىجىدە ئېشىپ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ژۇرناللارنى قولىدىن چۈشۈرمىدى ھەم كېسىمچىلىك تېخنىكىسىغا كۈچ سەرپ قىلدى.

مەكتەپتىكى ئازادە، خۇشال، ئوچۇق كەيپىيات بىلەن راھىلە كۈلكىسىنى قايتىدىن تېپىۋالدى. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، راھىلە ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ، يېپيېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

 ناھايىتى تېزلا زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى بولۇش

كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىكى خىزمەت راھىلەنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمەت ئىدى. زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىن، راھىلە ئىشنى كېسىمچىلىكتىن باشلىدى، مەكتەپتە تېخنىكىنى پۇختا ئۆگەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئورتاق تىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى بولدى.

خىزمەت راھىلەنى مىسلىسىز ئىلگىرىلەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. «تۈنۈگۈن زاۋۇتنىڭ زاكازلىرىنى تۈگەتتۇق، بۈگۈن نورمال ئىشتىن چۈشسەك بولىدۇ.» چۈشتىن كېيىن سائەت 7دىن ئاشقاندا، راھىلە توكسىكلىتقا مىنىپ تۇرۇپ، مۇخبىرلارنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

راھىلەنىڭ ئۆيىگە كىردۇق، پۈتۈن ھويلىدا خېنىگۈللەر ئېچىلىپ كەتكەنىدى. «بۇنىڭغا قاراڭە، تۈنۈگۈن تىرناقلىرىمغا خېنە قويغانىدىم، قىپقىزىل ئىچىپ كېتىپتۇ، چىرايلىقمىكەن؟» راھىلە قولىنى سۇنۇپ بىزگە كۆرسىتىپ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك كۈلۈپ كەتتى. «ئىلگىرى ھويلىمىزدا ھېچقانداق گۈل يوق ئىدى، گىرىم قىلىش، تىرناق بوياشتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى».

بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتتە ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، راھىلەنىڭ ئۆيىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. مېھمانخانىغا كىرگەندە سۇپىغا ئوتقاشتەك قىپقىزىل گىلەم سېلىنغان بولۇپ، ئاق رەڭلىك ئۈستەلگە قېتىق قويۇلغانىدى. تازىلىق ئۆيىدە سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانا ۋە مۇنچا بار ئىدى، ھۇجرىدىكى كارىۋاتنىڭ يېنىغا قويۇلغان گىرىم ئۈستىلىدە لەۋ سۇرۇخ، قاش قەلەم، ئۇپىلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى، رەڭگارەڭ كۆڭلەكلەر ئىشكاپقا لىققىدە ئېسىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى راھىلە توردىن سېتىۋالغان ئىكەن.

«ئۇنىڭدا ھازىر ئۆزگىرىش زور، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بولدى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، ھەر كۈنى قايتىپ كەلگەندە ماڭا دەيدىغان گەپلىرى تۈگىمەيدۇ.» ئېرى ئوبۇل خوتۇنىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خۇشال بولدى. «مەن كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئىشلەيمەن، بالام كەنت يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بازارغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمىز، بەختلىك كۈنلەر مۇشۇنداق بولمامدۇ!»

راھىلە زاۋۇتتا تېخنىكىنى پۇختا ئۆگىنىپ، باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى بېيىتقاندىن كېيىن، يەنە ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىپتۇ. «مەن تېخى 30 ياشقا كىرمىدىم، قىلىدىغان ئىشلىرىم تېخى نۇرغۇن. بەلكىم بىرنەچچە يىلدىن كېيىن مېنى كۆرگەندە، مېنى <راھىلە باش دىرېكتور> دەپ ئاتاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن» دېدى راھىلە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى