تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش «بوغما ھالەت»نى بۇزۇپ تاشلاش ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، «بوغما ھالەت»نى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 180 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.90 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.78 ئاشقان.

 ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش «بوغما ھالەت» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرۇش، دەرىجىلىك يول ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاسفالت يوللارنى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تۇتاشتۇرۇش»تەك تاشيول تورى بەرپا قىلىندى؛ قىش پەسلىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى ۋە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەسى ئېچىلىپ، «غول لىنىيەدە پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇچۇش، تارماق لىنىيەدە پۈتۈن شىنجاڭغا ئۇچۇش، مەنزىرە رايونىغا ئايروپىلان قاتناش»تەك ئاۋىياتسىيە تورى شەكىللەندۈرۈلدى... ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: قاناس مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، مېھمانخانىلاردا 7000 كارىۋاتنى، پۇقراۋى قونالغۇدىن 194نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ساياھەت ئاۋات مەزگىلدە «ياتاق تېپىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئالتاي ۋىلايىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «مەسىلىلەرنى تېپىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ساياھەت تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى مۇكەممەل بولماسلىق، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش» قاتارلىق 13 تۈردىكى 284 مەسىلىنى رەتلەپ چىقىپ، «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نى ئىلمىي تۈزۈپ، كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ۋەزىپىنى بېكىتىپ، تۆت پەسىللىك ساياھەتنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت سىستېمىسىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنى ئۈچ ناھىيە (شەھەر)، سەككىز كەنت، يەتتە ئورۇنغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە 50 ساياھەت ھاجەتخانىسى، ئالتە ماي قاچىلاش پونكىتى، 21 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى سالدى، 17 جايدىكى خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

 كەم - كوتسىز تۈزىتىش تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

10- ئايدا، پۈتكۈل توغراقلىق ئالتۇن رەڭ تۈس ئېلىپ، ئەڭ ياخشى سەيلە - تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، قەشقەر ۋىلايىتى توغراقنى تاماشا قىلىدىغان ساياھەت ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىدىن تۆت ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

تيەنجىنلىك ساياھەتچى لى جياجيا مۇنداق دېدى: «لىنىيە ئىنتايىن قالتىس ئىكەن، بىز يول بويى توغراق، قۇملۇق، يەنە ئۆزگىچە ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق، تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ئەسلىھەلىرىمۇ خېلى تولۇق ئىكەن، بولۇپمۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن، چۈشەندۈرگۈچىلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن».

باش تېما تەربىيەسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا نىشانلىق كۈچەپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ سۈپىتى، ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەت كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەردە، ھەرقايسى ساياھەت كارخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ساياھەتنىڭ كاسات پەسلىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ زىددىيىتى، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ، مەسىلە تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، كەم - كوتسىز تۈزەتتى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنى ئىشىك بېلىتى باھاسىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، ياتاق باھاسىدا ئېتىبار بېرىش ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى، قار - مۇز بايرىمى قاتارلىق ساياھەت بايرىمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كاسات پەسىلدىكى ساياھەت بازارلىرىنى كېڭەيتتى.

«ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىلى كۈزلۈك، قىشلىق ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى ھەم «قار - مۇز +» يۈرۈشلۈك ساياھىتىنى بەرپا قىلىش... باش تېما تەربىيەسىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت لىنىيەسى لايىھەسى مۇكەممەل بولماسلىق، ساياھەت ئاۋات پەسلىدە ياتاقتا يېتىش قىيىن بولۇش، كاسات پەسىلدە ساياھەتچىلەر ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پەرقلەرنى تېپىپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، كەسىپكارلارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، يېتەكچى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتتى.

«11- ئايدىن باشلاپ، بىز 2000 ساياھەت كەسىپكارىنى قىش پەسىللىك كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ، ئىلىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتى مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىلى ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ جيەنخۇا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، شيا چىڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جۈنشيۇ، لۈ نا، خۇاڭ جىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى