تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باركۆل ناھىيەسى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 2193 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جۇۋ فېڭ، جېڭ شياۋ خەۋىرى): بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە 2193 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل ناھىيەسى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم يۆتكىلىش كۆلىمىنى ئىزچىل كېڭەيتىپ، ئۇلارنى كارخانىلارغا بېرىپ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، سانائەت باغچە رايونى، كەسىپلەر باغچە رايونى، رايون ھالقىغان كارخانىلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ناھىيەسى ۋە ناھىيە سىرتىدىكى 2-، 3- كەسىپلەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

قومۇل گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى