تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوتەن ناھىيەسى قوما كەنتىدىكى «پاراۋۇز ئاشخانىسى»

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇ جىپېڭ فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى قوما كەنتىگە جايلاشقان «پاراۋۇز ئاشخانىسى» خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى، يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋاتاتتى. «پولو، لەڭمەن، قورۇما سەي... نېمە تاماق يەيسىز؟» ئاشخانا خوجايىنى پاتەمخان نۇرمەمەت مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالماقتا ئىدى.

«پاراۋۇز ئاشخانىسى»نى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىكار تۇرغان پويىز ۋاگونىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ ياسىغان بولۇپ، كېيىن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس پاتەمخان نۇرمەمەتنىڭ تىجارەت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى جانلىنىپ، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 1700 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، ئەڭ كۆپ بولغاندا 3400 يۈەنگە يەتكەن، ئاشخانا يەنە توققۇز نەپەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

پويىزنىڭ تېز مېڭىشىنى پاراۋۇز يېتەكلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خوتەن ناھىيەسىدە نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش جەريانىدا، تۆمۈريول ئامىلىغا ئىگە نۇرغۇنلىغان «تۆمۈريول نومۇرلۇق» يۈرۈشلۈك نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «پاراۋۇز» نامى بىلەن ئاتالغان نۇرغۇن يۈرۈشلۈك كەسىپلەر بار، مەسىلەن، پاراۋۇز يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت مەيدانى، پاراۋۇز نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، پاراۋۇز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، پاراۋۇز كۆپ كېزەك قوي باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار زور بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر كەنتتە بىر خاسلىق بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن، 2019-يىلىدىلا، بۇ شىركەت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 462 ئائىلىگە ياردەم بېرىپ، 205 نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1994-يىلىدىن باشلاپ خوتەن ناھىيەسىدە نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەشكە باشلىغان بولۇپ، 25 يىلدىن بۇيان، 220 مىليون يۈەن مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيا سېلىپ، خاس كەسىپلەرنى ئېچىش، مەدەنىيەت-مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى يولغا قويغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خوتەن ناھىيەسىدىكى لايقا، لاڭرۇ، سېغىزكۆل، خانئېرىقتىن ئىبارەت تۆت يېزا-بازارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىي 38 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرىدىن 24نى يولغا قويۇپ، 15 نامرات كەنتنى يۆلەپ، 20 مىڭ 772 نامرات نوپۇسقا نەپ يەتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى