تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ياخشى سۈپەت − كالىچىلىق كەسپىنى «قالتىس» قىلدى

− تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كالا گۆشىنى قانداق قىلىپ تەبىئىي ئوتلاقتىن تاماق ئۈستىلىگە چىقارغانلىقىغا نەزەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

ئەمدىلا يېپىلغان 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تيەنلەي چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «تيەنلەي شياڭنيۇ» كالا گۆشى ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى ماختاپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، زاكاز تالونى ئەسلىي پىلاندىكى 70 توننىدىن 100 توننىغا كۆپەيدى.

«تيەنلەي شياڭنيۇ»نىڭ نۇرغۇن رىقابەتچى ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقالىشى شىنجاڭ كالا باقمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىدا، مۇخبىر تيەنلەي چارۋىچىلىقى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان كەسىپ زەنجىرىنى كۆرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كالا گۆشىنى تەبىئىي ئوتلاقتىن تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

 چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بازارغىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورگانىك ئېتىراپقا ئېرىشىش

2014- يىلى، تيەنلەي چارۋىچىلىقى ئاۋسترالىيەدىن 4000 تۇياق ساپ نەسىللىك ئانگۇس كالىسىنى كىرگۈزۈپ، ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئانگۇس كالىسىنى كۆپەيتىش، بېقىش بازىسىنى قۇردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىدا بېقىلغان كالىلارنىڭ جۇغى كىچىك، گۆش نىسبىتى تۆۋەن، كۆپەيتىش تېخنىكىسى نىسبەتەن قالاق بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىدى. جۇغى ئۆزگىچە بولغان ئانگۇس ساپ نەسىللىك كالىسى چارۋىچىلىق مەيدانىدا پەيدا بولغاندا، كۆپچىلىك ھەيران بولغان ھالدا «بۇ قارا كالا نېمىدېگەن يوغىنىغان - ھە!» دېيىشتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي دەرىجىلىك كالا گۆشىنىڭ بازار ئېھتىياج مىقدارى يىلىغا %5 بويىچە ئاشتى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك كالا گۆشىنىڭ ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10كە يېقىن بولدى.» تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شېڭ: ئالىي دەرىجىلىك كالا گۆشى بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، جەزمەن نەسىل يېتىشتۈرۈشتىن باشلاش كېرەك، دېدى. بۇ شىركەت 2013- يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، پىلانلىق ھالدا يېشىل، ئورگانىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، شىنجاڭ يەرلىك كالىچىلىق كەسپىنى يېڭىلىق يارىتىش يولىغا باشلىدى.

بىر يەم - خەشەك تېرىش بازىسى، بىر كۆپەيتىش بازىسى، بىر بورداقچىلىق بازىسى، ئوت - چۆپ بولۇق ئۆسكەن تەبىئىي يايلاقنىڭ ياردىمىدە، تيەنلەي چارۋىچىلىقى پىلان بويىچە ئورگانىك چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلدى.

تېرىقچىلىق ھالقىسىدا، ئانگۇس كالىسى ماكانلاشقاندىن كېيىن، تيەنلەي چارۋىچىلىقى شۇ جايدا 25 مىڭ مو تەبىئىي يايلاقنى ئىجارىگە ئېلىپ، يەم - خەشەك تېرىش بازىسى قۇرۇپ، ھەربىر تۇياق كالىنىڭ يېگەن يەم - خەشىكىنىڭ ئورگانىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باقمىچىلىق ھالقىسىدا، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئانگۇس شالغۇتلاشتۇرۇلغان گۆش كالىسىنى نەسىل يېتىشتۈرۈش، بورداشتىن قوتاندىن چىقىرىشقىچە بولغان ھەممە جەريانىدا مۇھىتقا قاتتىق تەلەپ قويۇلدى، يەيدىغىنى نىسبەت بويىچە تەڭشەلگەن سەرخىل، ئىنچىكە ئارىلاشتۇرۇلغان ئورگانىك يەم - خەشەك بولۇپ، ئوچۇقچىلىقتا يايلىتىپ بېقىش ئارقىلىق كالىنىڭ ھەرىكەت مىقدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، «ئوت - چۆپ تېرىش + باقمىچىلىق» ئارقىلىق يەم - خەشەكنىڭ ئورگانىك ئۆتكۈنچە ئايلاندۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

پىششىقلاش ھالقىسىدا، تيەنلەي چارۋىچىلىقى ئىشلەپچىقارغان كالا گۆشى تولۇق ئاپتوماتىك تېز سۈرئەتتە ئالدىن سوۋۇتۇلغان ۋە 72 سائەت كىسلاتاسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، سوغۇق ساقلاش ھالىتىدە 30 كۈن يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

سېتىش ھالقىسىدا، سۈپەتلىك ماركىغا ئايلاندۇرۇش تەپەككۇرى پىششىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭدى. 2018- يىلى، «تيەنلەي شياڭنيۇ» مەھسۇلاتى بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، ۋۇخەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك بازىرىغا كىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ياخشى سۈپەتنىڭ ئارقىسىدا چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بازارغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك ئورگانىك يېتىشتۈرۈش بار. بۈگۈنكى كۈندە، 30 مىڭ موغا يېقىن ئورگانىك يەم - خەشەك تېرىقچىلىق بازىسى، 10 مىڭ تۇياق كۆلەملىك ساپ نەسىللىك ئانگۇس گۆش كالىسى يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسى، يىلىغا 50 مىڭ تۇياق ئورگانىك گۆش كالىسىنى قوتاندىن چىقىرىدىغان بورداقچىلىق بازىسى بار كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، گۆش كالىسى بېقىش، سويۇپ پىششىقلاشتىن ئوراپ قاچىلاپ سېتىشقىچە بولغان ھەممە ھالقىسى دۆلەتنىڭ ئورگانىك ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، «پۈتۈن رايون ئورگانىك بولۇش + پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورگانىك بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

 1200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە پەقەت «بىر پىچاقلا پەرقى بار»

ھەربىر تۇياق كالىنى نەسىل يېتىشتۈرۈشتىن بورداشقىچە، يەم - خەشەك تەييارلاشتىن بېقىشقىچە، تۇغۇلۇشتىن سېتىشقىچە تيەنلەي چارۋىچىلىقى ھەربىر ھالقىدا ئىلمىي بولۇش، ئەتراپلىق بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بورداقچىلىق بازىسىدا، توپ - توپ گۆش كالىلىرى توغرالغان ئوت - چۆپ چېچىلغان يەرلەردە ئەركىن يايلاپ يۈرۈۋاتقاندا، تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ پۈتۈن جەرياننى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىمۇ كالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلەۋاتاتتى. تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى دىڭ جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ھەربىر تۇياق كالىنىڭ قۇلىقىغا تۇغۇلۇشى بىلەنلا بەلگە سېلىنىپ، كالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بۇقا ۋە ئىنەكنىڭ قانداشلىقى، بېقىش مۇھىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاتىرىسى قاتارلىق ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن».

30 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتا شىنجاڭ تيەنلەي شياڭنيۇ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تيەنلەي چارۋىچىلىقىنىڭ سويۇپ پىشىشقلاش زاۋۇتى بار بولۇپ، ئورگانىك دانلىق زىرائەتلەرنى يەپ، تەبىئىي قار سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان گۆش كالىلىرى قوتاندىن چىققاندىن كېيىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىدۇ، نەچچە سائەتتىن كېيىن، بىر پۈتۈن كالا «تۇغۇلغاندىن تارتىپ سويۇلۇشقىچە بولغان» ئىككىلىك كود ئۇچۇرى چاپلانغان كالا گۆشىگە ئايلىنىدۇ.

«ئىستېمالچىلار يېگەن ھەربىر پارچە كالا گۆشىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سىكاننېرلاپلا بىلەلەيدۇ، كالىنىڭ قانداق ئوت - چۆپ يېگەنلىكىنى، قانداق بېقىلغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ.» شىنجاڭ تيەنلەي شياڭنيۇ يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خەن يۈسۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىشلەپچىقىرىش كۆزىتىش - كونترولخانىسىدا، 18 سانلىق مەلۇمات توپلاش تېرمىنالى پۈتۈن جەريان بويىچە سانلىق مەلۇمات توپلايدۇ، تىرىك كالا سويۇپ پىششىقلاش زاۋۇتىغا كىرگەن شۇ پەيتتىن باشلاپ، قۇلاق بەلگىسى ئىككىلىك كودقا ئايلىنىپ، سويۇلغاندىن كېيىن كالىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ئاساسەن ھەربىر پارچە كالا گۆشىگە چاپلىنىدۇ».

مۇكەممەل بولغان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى «تيەنلەي شياڭنيۇ»نى ياخشى باھادا سېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى. «بىر تۇياق تاۋار ئانگۇس كالىسىنى پارچىلىغاندىن كېيىن ئەڭ قىممەت بولغاندا 80 مىڭ يۈەنگە، پەقەت بولمىغاندىمۇ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ.» خەن يۈسۇڭ مۇنداق دېدى: ئانگۇس كالىسى بېقىش تەننەرخى، بېقىش دەۋرى جەھەتتە شىنجاڭنىڭ يەرلىك گۆش كالىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، ئەمما باھا جەھەتتە ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدۇ.

گۆش كالىچىلىقى كەسپىدە، ئالىي دەرىجىلىك كالا گۆشىنىڭ قىممىتىنى ئايرىشتا، گۆشنىڭ ئۈستىدە تەكشى مەرمەر گۈللۈك سىزىقچىلارنىڭ بار - يوقلۇقى باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ، ئادەتتە «تاغىل كالا گۆشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئانگۇس كالىسى بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇلغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك كالىسىدىن 30 كىلوگىرام ئەتراپىدا تاغىل گۆش چىقىدۇ، بىر كىلوگىرامىنى ئەڭ قىممەت بولغاندا 1200 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بىر كالا پارچىلانغاندىن كېيىن، پەقەت ئۇنىڭ تاغىل گۆشىنىلا 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ.

«كالىنىڭ يېغى مۇسكۇلغا سىڭگەندىلا ئاندىن تاغىل گۆش شەكىللىنىدۇ، ئەگەر پىچاق ياخشى ئۇرۇلمىسا، تاغىل سىزىقلارنىڭ جايلىشىشى بۇزۇلۇپ، بىر كىلوگىرامى 1200 يۈەن بولغان تاغىل گۆش 500 يۈەنگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.» خەن يۈسۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قىلدىن كەتسە قىرىقتىن كېتىدىغان ئىنچىكە ئىشنى پەقەت ئادەم قول سېزىمى ئارقىلىق مۇسكۇل سىزىقچىلىرىنى بويلاپ كېسىپ تاماملايدۇ، بۇنى ماشىنا بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ.

10- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ پىششىقلاش - سويۇش - پارچىلاش سېخىدا ئىشچىلارنىڭ مىكروبسىز ئىنچىكە ئايرىش ئاقما لىنىيەسىدە چېۋەرلىك بىلەن بىر پۈتۈن كالىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككىگە، تۆتكە، سەككىزگە بۆلۈپ، قوۋۇرغا، پەش گۆش، ئومۇرتقا گۆشى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل كالا گۆشى مەھسۇلاتىنى ئاقما لىنىيەدە ئۈزلۈكسىز پارچىلاپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بارلىق جەرياننىڭ قولدا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 نەسىلنى ياخشىلاپ ئەلا سۈپەتلىك كالا كۆلىمىنى «كېڭەيتىش»

ھازىر تيەنلەي چارۋىچىلىقى يەرلىك گۆش كالىسىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئەلا سۈپەتلىك گۆش كالىسىنى يېتىشتۈرمەكتە. لېكىن بازار ئېھتىياجلىق بولغان ئەلا سۈپەتلىك كالا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا «سانلىق مىقدار دەرىجىلىك پەرق» بار.

2014- يىلى، تيەنلەي چارۋىچىلىقى شۇ جايدىكى ئەلا نەسىللىك ئىنەكنى ئاساس قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئانگۇس نەسىللىك كالىسى تارقىتىپ بېرىپ، گۆش كالىسى نەسلىنى بىرتۇتاش ياخشىلىدى، نەسلى ياخشىلانغاندىن كېيىنكى ئالتە ئايلىق موزاينى تيەنلەي چارۋىچىلىقى يەنە باشقا تۈردىكى كالىلارنىڭ باھاسىدىن %20 ئەتراپىدا يۇقىرى بولغان قوغداش باھاسىدا قايتۇرۇپ سېتىۋالدى. كارخانا كەسىپلەشكەن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئاخىرىدا سېتىش بازىرىدا ئېرىشكەن ئۆرلىگەن باھا پايدىسىدىن دېھقان - چارۋىچىلارغا ئىككىنچى قېتىم پايدا تەقسىملەپ بېرىش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇردى.

«بىزنىڭ نەسىل ياخشىلاش يۆنىلىشىمىز ۋە نىشانىمىز ئانگۇس كالىسىنى ئاساس قىلغان گۆش كالىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاپ، سىياسەت تۈرتكىسى، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك كالا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش» دېدى دىڭ جيەنجياڭ.

ئىنىكى يوق دېھقان - چارۋىچىلارنى تيەنلەي چارۋىچىلىقى ئانگۇس نەسىللىك كالىسىنىڭ توڭلىتىلغان ئىسپېرمىسى بىلەن تەمىنلىدى، توڭلىتىلغان ئىسپېرما بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سوغۇق ئۇرۇقلاندۇرۇش كېلىشىمى ھەم ھەمكارلىشىپ كۆپەيتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك بۇقا ۋە كۆپەيتىشكە بولىدىغان ئىنەك بىلەن تەمىنلەپ، شالغۇتلاشتۇرۇپ نەسىل ياخشىلاشنى يولغا قويدى.

دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېقىشتىكى غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، تيەنلەي چارۋىچىلىقى يەنە ئانگۇس بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇلغان ياكى سوغۇق ئۇرۇقلاندۇرۇلغان كۆپەيتىشكە بولىدىغان ئىنەكلەرنى سۇغۇرتا بىلەن تەمىنلىدى، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئۆلۈپ كەتسە، ھەربىر كالا ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىدىغان بولۇپ، باقمىچىلارنىڭ بېقىش خەۋپى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق ئاكتىپلىقى ئاشۇرۇلدى.

«نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نەسىل ياخشىلاشنىڭ ئىككى جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيىتى بار.» دىڭ جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك كالىچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە سۈپەتلىك ماركا يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تيەنلەي چارۋىچىلىقىلا ئەمەس، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئانگۇس گۆش كالىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتىمۇ تەدرىجىي ياخشى مەنزىلگە قەدەم قويدى. يەرلىك ھۆكۈمەت تيەنلەي چارۋىچىلىقى بىلەن بىرلىشىپ، گۆش كالىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلايدىغان بىر يۈرۈش تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، «مەبلەغ بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى + كارخانا ياردەم بېرىش، يۆلەش ھەم قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئانگۇس كالىسىنى بېقىشقا يېتەكلىدى. ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى ئاشخابات تولۇقلىما ئېلىش ئارقىلىق 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئانگۇس نەسىللىك كالىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئۆيىدىكى موزاي كۆپىيىپ 15كە يەتتى.

نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلماقتا، دۆلەت گۆش كالىسى يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن 245 نى يېتىشتۈردى، ئانگۇس گۆش كالىسى شۇ جايدىكى 235 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، ھەربىر ئائىلە يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: ئانگۇس شالغۇت كالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈردۇق ھەم ھۆكۈمەت، پەن - تېخنىكا ئاپپاراتلىرى كارخانا بىلەن بىرلەشكەن، دېھقانلار قاتناشقان گۆش كالىسى نەسىل يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئانگۇس شالغۇت كالىسىنى بېقىش - كۆپەيتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە كۈچەپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە شىنجاڭنىڭ يەرلىك كالا سۈپەتلىك ماركىسى ۋە كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى