تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن ئالدىراش

بىر يىلنىڭ ئىككى پەسلىدە مايسا يېتىشتۈرۈش، بىر پەسلىدە كۆكتات تېرىش

قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن ئالدىراش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، جاۋ چۇنخۇا، خې لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى قۇمۇشئېرىق يېزىسىنىڭ قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا، سۆسۈن كاللەكبەسەي، شوخلا، لازا قاتارلىق كۆكتاتلار ۋە ئەتىرگۈللەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ يىل، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئون ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى ئاساس قىلىپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، 350 مىڭ تۈپ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈپ، 50 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئۈزۈم، ئەنجۈر قەلەمچىسى تىكىپ، 20 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئۆزگىچە گۈل - گىياھ يېتىشتۈردى، بىر يىلنىڭ ئىككى پەسلىدە مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە بىر پەسلىدە كۆكتات تېرىش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 120 مىڭ يۈەن ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ تۈرتكە بولدى.

مۇخبىرلار نەق مەيداندا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى - نەملىك دەرىجىسى، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى - نەملىك دەرىجىسى، تۇپراق PH قىممىتى، يورۇقلۇق، كاربون (IV) ئوكسىد، ئاتموسفېرا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پارنىكنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەي شيەنتاۋ يان تېلېفونىنى ئېچىۋېدى، پارنىكنىڭ ئىچىدىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈش، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇ ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۇچۇرلىرى ئېنىق كۆرۈندى، يەنە تېخى پارنىكتىكى نەملەشتۈرگۈچى يوپۇقلۇق شامالدۇرغۇچ، پۈركۈتۈپ - تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولاتتى.

«بەك ئىلغار ئىكەن، يان تېلېفوننى ئېچىپ ئۆيدە تۇرۇپلا پارنىكنى باشقۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغانىدىم.» بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان نامرات ئاھالە ئايشەمگۈل ئەيسا ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلىدىكەن، ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ماڭا مۇقىم كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يۇرتداشلارنىڭمۇ ئۆگىنىدىغان، پايدىلىنىدىغان ئۈلگىسى بار بولدى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، قۇمۇشئېرىق كەنتىدە ئەسلىدە 90 نەچچە پارنىك بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇشى يىرىك بولغاچقا، ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن ئىكەن. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىش، ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىپتۇ. 2018- يىلى، 2019- يىلى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، قۇمۇشئېرىق كەنتى ئون ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك سېلىپ، «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈش» «كۈزدە كېچىكتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش»تەك كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپتۇ. كەنت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 28 مەيدان قېتىم مايسا يېتىشتۈرۈش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 1000غا يېقىن كىشىنى تەربىيەلەپتۇ. ياخشى مايسا ۋە تېخنىكا كاپالىتى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقى ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپتۇ، 2019- يىلى، پۈتۈن كەنتتىكى پارنىك 434كە يېتىپ، ھەم تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇرۇپتۇ، ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇپتۇ.

بۇ يىل، نامرات ئاھالە مامۇت يۈسۈپ سىناپ بېقىش ئويىدا، ئۆزىنىڭ ئىككى پارنىكىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈلگەن» لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ، مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمىنى 1000 يۈەنگە يېقىن ئاشۇرۇپتۇ. «كېلەر يىلى مەن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى مامۇت.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال مايسا - كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇمۇشئېرىق كەنتىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى مەركەزلىك، تۇتاش، بىرلىككە كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا، پۈتۈن كەنت بويىچە قوش سولياۋ يوپۇق يېپىپ قوغۇن، كۆك لازا، شوخلا، چەيزە، جاڭدۇ، ياڭيۇ قاتارلىق كۆپ خىل پەسىلسىز كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك كۆكتات ئۆستۈرۈش ماھارىتىنى ئىگىلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز» دېدى ئەي شيەنتاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى