تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

كۆل بولۇپ سۇ تاغ ئارا تۇتقاي ماكان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى 1994- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، نەچچە ئون يىللىق دەلىللەش ئارقىلىق چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى، بۇ، تاكى بۈگۈنگىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق سۇ ئېلېكتىر تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

سەنشيا قۇرۇلۇشىغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى»دە سەنشيا قۇرۇلۇشى قىلىش ئىشىنى تىلغا ئالغانىدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ماۋ زېدۇڭ سەنشيا قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا شۇ چاغدىكى چاڭجياڭ سۇچىلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم مەسلىھەت سورىغان. 1982- يىلى، دېڭ شياۋپىڭ دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق توك جىددىيچىلىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى كۆرگەندە مۇنداق بىلدۈرگەن: توغرا دەپ قارىغان ئىكەنمىز ئىرادىگە كېلىشىمىز، تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.

1984- يىلى، گوۋۇيۈەننىڭ 16 مىنىستىرلىق، كومىتېتى ۋە خۇبېي، خۇنەن، سىچۇەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە ھەم 58 پەن تەتقىقات قۇرۇلۇش ئورنى، 11 ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سۇ ساقلاش ئورنى 150 مېتىر بولغان سەنشيا لايىھەسىنى تەستىقلىدى. 1992- يىلى 4- ئايدا، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا سەنشيا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، ئېگىزلىكى 185 مېتىر كېلىدىغان سەنشيا توسمىسى ياساشنى قارار قىلىش بولدى.

سەنشيا قۇرۇلۇشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك چىقىرىش ۋە سۇ تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇنىڭ 18 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ۋە 84 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتلىك يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بولغان سەنشيا توسمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2309 مېتىر، توسما گەۋدىسىنىڭ بېتون قۇيۇپ قوپۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى 16 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور بېتونلۇق ئېغىر توسما ھېسابلىنىدۇ.

قۇرۇلۇشچىلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۇنيادىكى ئىلغار پەن - تېخنىكىنى قوللىنىشنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر يۈرۈش ئىلمىي قۇرۇلۇش ھۈنەر - سەنئىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر قاتار تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر يۈز نەچچە تۈرلۈك دۇنيا بويىچە «ئەڭ»لەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، دۆلەت ۋە تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن دۇنيا توسما قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى يېڭى رېكورتنى پۈتۈپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى.

2006- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، پۈتۈن لىنىيە بويىچە بېتون قۇيۇش ئېگىزلىكى 185 مېتىر بولغان سەنشيا توسمىسى قۇرۇلۇشى پۈتتى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەيۋەتلىك سەنشيا توسمىسى شىلىڭ جىلغىسىدا قەد كۆتۈردى، ماۋ زېدۇڭنىڭ «قەد كۆتۈرگەن چاغدا دەريا غەربىدە بىر تاش سېپىل، بوغۇلۇپ ۋۇشەن تېغىنىڭ يامغۇرى ئۈزۈل - كېسىل، كۆل بولۇپ سۇ تاغ ئارا تۇتقاي ماكان» دېگەن ئۇلۇغ قىياسى ئاخىر رېئاللىققا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى