تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«پەن - تېخنىكا ئۇرۇقى»نى تېرىش «بېيىش مېۋىسى»گە ئېرىشىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جاڭ يۇڭئەن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنىدا، جاڭ يۇڭئەن كۆپچىلىككە، ئۆزى تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن 3- شى تۇمشۇق شەھىرى 51- تۇەن 4- ليەنىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 75 ئائىلىدىكى 300 نامرات كىشىنىڭ بۇ يىل نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەنلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا داۋاملىق كۈچ قوشىمەن!»

2018- يىلى 2- ئايدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پەن - تېخنىكا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۇڭئەن تەشكىلنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن، بىڭتۇەن 3- شى تۇمشۇق شەھىرى 51- تۇەننىڭ 4- ليەنىگە بېرىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى بولدى. جاڭ يۇڭئەن ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇڭدىشىش، سۆھبەتلىشىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، تۈگۈننى يېشىش، دوستلىشىش، سىردىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ليەندۈيدە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتتى. ياش تايانچلار ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا تەربىيەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بېيىش ماھىرلىرىنى پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى بېيىش ماھىرلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەلپكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتتى.

كىچىكىدىن يېزىدا چوڭ بولغان جاڭ يۇڭئەننىڭ يېزىغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ليەندۈينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايتتى. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق جاڭ يۇڭئەن يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، كەسىپ قۇرۇلمىسى نوقۇل بولۇشنىڭ 4- ليەننىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى. پاختا گەرچە 4- ليەننىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت يىرىك تېرىقچىلىق قىلىنغانلىقتىن، ھوسۇلى تۆۋەن، ئۈنۈمى ناچار ئىدى. جاڭ يۇڭئەن كېۋەزگە كۈچ سەرپ قىلىپ، پاختىچىلىقنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق جاڭ يۇڭئەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنىنىڭ كېۋەزنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى. ئۈلگە كۆرسىتىپ تېرىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، جاڭ يۇڭئەن ليەن «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى ھەم 154 دېھقان ئائىلىسى بىلەن 1200 مو يەرنى ئوبوروت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭكىگە قارىغاندا %30تىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى، سۈپىتى ئىككى دەرىجە ئۆستى. يېرى ئوبوروت قىلىنغان 154 ئائىلە ئوتتۇرىچە 5400 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا كېۋەز پەرۋىش قىلغان 22 ئىشلەمچى ئاممىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. ليەندۈي تېرىقچىلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى، پارتىيە ئەزاسى ئىسمائىل مەمەت مۇنداق دېدى: «مەن نەچچە ئون يىل تېرىقچىلىق قىلىپ، تۇنجى قېتىم پاختىنى ماشىنا بىلەن تەرگەننى، تۇنجى قېتىم ئايروپىلان (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان) بىلەن دورا چاچقاننى كۆردۈم، خىزمەت ئەترىتى بىزگە تېخنىكا، ئۇرۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئەكېلىپ بەردى، كىرىمىمىز مۇشۇنچە كۆپ ئاشتى، پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت!»

پاختىچىلىق يۈكسەلدى، جاڭ يۇڭئەن يەنە تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ليەندۈينىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. ئۇ تارىم داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق، چۈجە بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى ياش دېھقاننى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، 50 نەچچە نامرات ئائىلىنى يەرلىك توخۇ بېقىشقا، كۆكتات تېرىش ۋە مېۋە ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى. 300 تۇياقتىن ئارتۇق ئەلا نەسىللىك گۆش قويى سېتىۋېلىپ، ليەندۈيدىكى پارتىيە ئەزاسى، قوي بېقىش ماھىرى ئابدۇكېرىم روزىنىڭ 21 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىگە باشلامچىلىق قىلىپ گۆش قويى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللىدى.

ليەندۈيدە تۇرغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جاڭ يۇڭئەن پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بېرىش تۈرى، بىڭتۇەننىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن سەككىزنى قولغا كەلتۈرۈپ، 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تارىم داشۆسى، 3- شى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى قاتارلىق دۆلەت، بىڭتۇەن، شى، شەھەردىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى سورتلىرى، يېڭى تېخنىكىلىرىنىڭ ليەندۈيدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

نامرات ئاھالىلەر ئۈمىدكە تولۇپ، بېيىش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. خىزمەت ئەترىتى 25 نامرات ئەمگەك كۈچىنى كارخانىلارغا بېرىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى، 23 كىشىنى ئېكولوگىيە ئورمان قوغدىغۇچىلىققا، تازىلىق ئىشچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشتى. جاڭ يۇڭئەن يەنە چېۋەر قول مېيمېي تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تىجارەت كىرىمىنى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى، كوپىراتىپقا كىرگەن سەككىز نەپەر نامرات ئايالنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلىدىغان بەخت يولىغا ماڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى