10-ئاينىڭ 28-كۈنى، لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرى داماجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئېتىزدا سۆسۈن ئەتلىك لوبو يىغماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى لوبو ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، مول ھوسۇل مەزگىلىگە كىردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرى مېۋە لوبو ۋە سۆسۈن ئەتلىك لوبونى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈش، داڭلىق ماركىنى ئۆستۈرۈش، قوغداش قاتارلىقلارنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى لوبو كەسپىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ فوتوسى)