تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تىز بوغۇمى ئاغرىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتا ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ

    تىز بوغۇمى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاسان چاتاق چىقىدىغان بوغۇم، تىز بوغۇمىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، شۇڭا ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق بوغۇملار ئىچىدە تىز بوغۇمىنىڭ زورۇقۇش ۋە ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تىز بوغۇمى ئاغرىش ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئوخشاشلا تىز بوغۇمى ئاغرىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكىلەردە ئىپادىلىنىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

  15ياشتىن ئىلگىرى، تىز بوغۇمى يېتىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئاغرىش تىز بوغۇمى ئەتراپىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە، تىز بوغۇمى «مۇكەممەل ھالەت»تە تۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا ھارغاننى بىلگىلى بولمايدۇ. لېكىن، 30 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا، لىپەك كۆمۈرچىكى دەسلەپكى مەزگىلدە يېنىك دەرىجىدە ئۇپراپ، بىر قېتىم ئاجىزلىشىش مەزگىلى پەيدا بولۇپ، قىسقا مەزگىللىك تىز بوغۇمى تېلىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، تىز بوغۇمىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇزۇن يول ماڭغاندىن كېيىن، تىز بوغۇمىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئاسانلا تېلىپ ئاغرىش پەيدا بولۇپ، يېنىك ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىش كۆرۈلىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى كىشىلەرگە بوغۇملارنى ئاسراش باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقاندا، تىز بوغۇمى روشەن ئاغرىيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى لىپەك كۆمۈرچىكىنىڭ «ئىشلىتىش ئۆمرى» توشۇپ، كۆمۈرچەك پۈتۈن قەۋەت ئۇپراپ، بوغۇم ياللۇغى پەيدا بولغانلىقىدا.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى