جامبۇلاق مەنزىرە رايونى شىنجاڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگوۋ بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تۆت پەسىلدىكى گۈزەللىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. قەدىمىي شەھەر گۇچۇڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرى «ئېكولوگىيە بايرىقى»نى كۆتۈرۈپ، «ساياھەت تامىقى»نى يېدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە جامبۇلاققا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %28 ئاشقان. دۆلەتنىڭ باجنى كەڭ كۆلەمدە كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان.
خەلق تورى – شىنجاڭ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى