تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسىنىڭ دەرىجە ساقلاشقا بىر نومۇرى كەم قالدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار خۇاڭ شىڭ، جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 10- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتە، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە شەنشى داچىن جىشۈي پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشتى. جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قىممەتلىك بىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ، بىراق دەرىجىنى ئاخىرىغىچە ساقلاپ قېلىشقا قارىتا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يەنە بىر نومۇرى كەم.

2020- يىلى، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى 18 كوماندىغا كېڭەيتىلىدۇ، شۇڭا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈش قائىدىسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يىل جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ كوماندا ئىچىگە كىرگەن كوماندىلار جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە كىرىدۇ، تۆتىنچى، بەشىنچى بولغان كوماندىلار جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى 14-، 15- كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىدە يەڭگەن كوماندا جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە، يېڭىلگەن كوماندا جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭدا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 كوماندا جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىن جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە چۈشىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى، تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى توققۇز مەيدان يېڭىپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، 14 مەيدان يېڭىلىپ، جۇغلانما نومۇر جەھەتتە 32 نومۇرغا ئېرىشىپ، رەت تەرتىپ جەھەتتە بىرلەشمە مۇسابىقىدە 12- ئورۇنغا تىزىلغان، بۇ نەتىجە 13- ئورۇندىكى سىچۇەن FC كوماندىسىدىن بىر نومۇر، 14- ئورۇنغا تىزىلغان نەنتۇڭ جىيۈن كوماندىسىدىن ئۈچ نومۇر يۇقىرى بولغان. ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەن بولسا، سىچۇەن كوماندىسى بىلەن نەنتۇڭ كوماندىسىنىڭ يەڭگەن ۋاقتى بىر ۋاقىت بولمىسا، شىنجاڭ كوماندىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالىغان بولاتتى.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىۋاتقان شىجياجۇاڭ يۇڭچاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ يەنە مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىلىك جۇڭگو دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى