تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى) كەچ كۈز 10- ئايدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مۇزارت مۇزلۇقى ئاستىدىكى ئاقياز دەرياسىنىڭ سۇ مېقدارى تەدرىجىي ئازلايدۇ، بۇ سۇدا مىنېرال ماددىلار مول بولغاچقا، دەريا سۈيى كۆپكۆك كۆرۈنىدۇ، لېكىن يامغۇرلۇق كۈنلەردە، دەريا سۈيى دۇغلىشىپ كېتىدۇ. ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلاردىن شارقىراپ ئېقىپ چىققان دەريا سۈيى تەكشى يايلاقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى تېكەس دەرياسىغا قويۇلۇپ، شامالدا يەلپۈنىۋاتقان كۆك رەڭلىك لېنتىدەك ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.