تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كورلا شەھىرىدە كۈز پەسلىدە توغراق، قىش پەسلىدە ئاق قۇ تاماشا قىلىش بويىچە يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرى پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى توغراقلىقتا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، «2019-يىللىق كورلا نەشپۈتى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى»نىڭ كۈزدە توغراق، قىشتا ئاق قۇ تاماشا قىلىش بويىچە يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى كورلا شەھىرى پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىدا باشلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە -ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇسسۇل «قۇت مەدھىيەسى»، «كورلا سەنىمى»، ناخشا «كورلا نەشپۈتىنىڭ خۇش ھىدى بېيجىڭدا تارىدى»، «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى نەق مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى. سەھنىدىكى لەرزان ناخشا-ئۇسسۇلغا پەستىكى يۈزدىن ئارتۇق ساياھەتچى قىزغىن ماسلىشىپ، ناخشا - ئۇسسۇلغا قوشۇلۇپ، تولىمۇ قىزغىنلىققا تولغان مەنزىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، نەق مەيدانغا يەنە شىنجاڭنىڭ خاس يېمەك-ئىچمەك رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆپكە-ھېسىپ، كاۋاپ، ناندىن باشقا، يەنە خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قويۇلدى. «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ياخشى ئىكەن، تارتقان سۈرەتلەر چوقۇم بەك چىرايلىق چىقىدۇ.» كورلىدىن كەلگەن ساياھەتچى گۇڭ بەيۋۇ ئايالىنى ئېلىپ توغراقلىقتا سۈرەتكە چۈشكەچ شۇنداق دېدى. ئىلگىرى ئۇ دائىم باشقا جايغا بېرىپ توغراق سەيلىسى قىلاتتى، بۇ يىل پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانى توغراقلىقىنىڭ ناھايىتى گۈزەل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ يەرگە كېلىشنى قارار قىلغانىدى.

كۈزدە توغراق، قىشتا ئاق قۇ تاماشا قىلىش بويىچە يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى «تۆت پەسىل ساياھىتى»، «پۈتۈن رايون ساياھىتى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى كورلا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، كورلا شەھەرلىك پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانى، مەدەنىيەت يۇرتى، پۇخۇي يېزىسى، پۇخۇي چارۋىچىلىق مەيدانى، ئىقتىسادىي چارۋىچىلىق مەيدانى ئۈستىگە ئالغان.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى