تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچتى

  بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچتى.

  خەلق تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، يولۇچىلار بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2019 / 2020 يىللىق قىشلىق، ئەتىيازلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىدىكەن. 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا خەلقئارا ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، تۇنجى كۈنى چېگرادىن توققۇز نۆۋەتچى ئايروپىلان چىقىپ، ئالتە نۆۋەتچى ئايروپىلان كىردى. يېڭى ئاۋىياتسىيە مەزگىلىدە، داشىڭ ئايروپورتىدا تىجارەت قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سانى 15كە (مەملىكەت ئىچىدىكى يەتتە، مەملىكەت سىرتىدىكى 8) يەتتى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 15ى ئېچىلىدىغانلىقى، چېگرىدىن چىقىپ-كىرىدىغان يولۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 570 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. (جاڭ داگاڭ فوتوسى)

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى