شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ يۆشەن، ۋاڭ شيەن): 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنچى كۈندىكى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن تۈرلەر شۇ كۈنى ئاخىرلاشتى. جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۆز رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ «ئۈچ چوڭ توپ» تۈرى ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردى. 10- ئاينىڭ 26- كۈنى جۇڭگو كوماندىسى پەي توپ تۈرى، تېننىس توپ تۈرى، گىمناستىكا تۈرى، دېڭىز ئارمىيەسى بەش تۈرى قاتارلىق تۈرلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەككە كۈندە 19 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئېرىشكەن مېدال ئومۇمىي سانى 200دىن ئاشتى.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى 131 ئالتۇن مېدال، 64 كۈمۈش مېدال، 37 مىس مېدال بىلەن ئالتۇن مېدال رەت تەرتىپى ۋە مېدال رەت تەرتىپى تىزىملىكىدە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، رۇسىيە كوماندىسى 49 ئالتۇن مېدال، 51 كۈمۈش مېدال، 57 مىس مېدال بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى، بىرازىلىيە كوماندىسى 20 ئالتۇن مېدال، 29 كۈمۈش مېدال، 33 مىس مېدال بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.