گۇاڭجوۋ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈن جياخۇي): جۇخەي WTA دەرىجىدىن تاشقىرى قابىللار مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق ماھىر جېڭ سەيسەي 2:1 نەتىجە بىلەن دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە 10- ئورۇندا تۇرىدىغان بېلتېنسكە يېڭىلىپ قېلىپ، جۇخەي WTA دەرىجىدىن تاشقىرى قابىللار مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمەي قالدى. يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 4- نومۇرلۇق ئۇرۇق ماھىر سابالېنكا 0گە قارشى 2 نەتىجىدە موخوۋانى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، سابالېنكا ئەمدى بېلتېنس بىلەن مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، 2019- يىللىق خېڭچىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك شىركىتى جۇخەي WTA دەرىجىدىن تاشقىرى قابىللار مۇسابىقىسى ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگولۇق ماھىر جېڭ سەيسەي بىلەن بېلتېنس ئۆزئارا مۇسابىقىلەشتى، نەتىجىدە، جۇڭگولۇق ماھىر جېڭ سەيسەي 2:6، 6:3، 6:4 نەتىجە بىلەن بېلتېنسكە يېڭىلىپ قېلىپ، ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمەي قالدى.
ئاياللار قوش ئويناش تۈرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو گۇرۇپپىسىدىن جياڭ شىنيۈ/تاڭ چيەنخۇي ئوخشاشلا رىقابەتچىسىگە يېڭىلىپ قېلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەي قالدى. يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، دۇەن يىڭيىڭ/ياڭ جاۋشۈەن 1:6، 6:1، 7:10 نەتىجە بىلەن روسولىسكا گۇرۇپپىسىنى يېڭىپ، ئاياللار قوش ئويناش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.