تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان جياڭسۇ شىڭخۇادىكى چىيەندو مەنزىرە رايونى

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىڭخۇا شەھىرىدىكى چيەندو مەنزىرە رايونى.

  خەلق تورى، تەيجوۋ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى: كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشقاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىڭخۇا شەھىرىدىكى چيەندو مەنزىرە رايونىدا، سەبدە گۈل، زىنىيە جۇخارگۈلى، پارىس سەبدە گۈلى قاتارلىق 10 مىڭ مو يەردىكى جۇخار گۈلى بەس- بەستە ئېچىلىپ، بوشلۇقتىن نەزەر سالغىنىڭىزدا تەبىئىي رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايتتى. بۇ جاي ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بىلەن دوتيەن رايونىدا كۈرمىڭلىغان گىياھنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ، دەريا-ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، «مەنزىرىنى تېرىش، مەنزىرىنى سېتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئەتىيازدا چېچەكسەي، يازدا نېلۇپەر گۈلى، كۈزدە جۇخارگۈلى، قىشتا قومۇش گۈلى» بولۇشتەك تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى.

  شىڭخۇا دوتيەننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى دۇنيا بويىچە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق- يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ نام بېرىلدى. يېقىندا، شىڭخۇا دوتيەن يەنە 8-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولۇپ تاللاندى. دوتيەن يەر شەكلىگە تايىنىپ، دۇنيادا شۆھرەت قازانغان چېچەكسەي دېڭىزى ۋە فرانسىيە پىروۋېنس ئۈستىقۇددۇس گۈلى دېڭىزى، گوللاندىيە كۈركۈم گۈلى دېڭىزى ۋە ياپونىيە توكيو يىڭخۇا گۈلى گۈل دېڭىزى بىلەن، «دۇنيادىكى تۆت چوڭ گۈل دېڭىزى» دەپ ئاتالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى