تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: جۇڭگو كوماندىسى چاۋشيەن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچى بولدى

خەلق تورى، ۋۇخەن، 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ شۆرۇڭ): 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7-نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋۇخەن خەنكوۋ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچى بولدى.

بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىنى يەڭدى، كېيىن يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0گە قارشى 4 نەتىجىلىك زور نومۇر پەرقىدە گېرمانىيە كوماندىسى، ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە رىقابەتچى كوماندىنى يېڭىش، 11 توپ كىرگۈزۈش، بىرمۇ توپ كەتكۈزۈپ قويماسلىقتەك نەتىجىدە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ 90 مىنۇتتا 1:1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى، قوشۇلغان مۇسابىقە ۋاقتىدا، يەنى مۇسابىقىنىڭ 109-مىنۇتىدا شۈ جەن بىر توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوماندىسى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

چاۋشيەن كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى، 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنى، 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن كامېرون كوماندىسىنى يەڭدى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چاۋشيەن كوماندىسى 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاۋ جېڭچۈن ئەڭ كۈچلۈك قوشۇننى مەيدانغا چىقاردى. مۇسابىقە 42 مىنۇت بولغاندا، ياڭ لى قارشى تەرەپ ۋاراتاسىغا توپ تەپكەندە چاۋشيەن كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى توسۇۋالدى، جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى توپ كىرگۈزىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. 51 مىنۇت بولغاندا چاۋشيەن كوماندىسى ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزدى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى پېڭ شىمېڭ توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، جىن رۇنمېي چەكلەنگەن رايوندا توپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى. 58 مىنۇت بولغاندا، جاڭ رۈي چەكلەنگەن رايوندا توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. 85 مىنۇت بولغاندا، جىن رۇنمېي يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا، جۇڭگو كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچى بولدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاۋ جېڭچۈن جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن چاۋشيەن ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ۋەكىل بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كوماندا جىن رۇنمېيدىن نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە تەييارلىق قىلغانىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا بەزى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتتى. بولۇپمۇ تۇنجى توپنى تەپكەندە بىزنىڭ ۋاراتار توسالماي قالدى.

جاۋ جېڭچۈن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنى ئەسلەپ، كوماندىنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: كوماندا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق مۇسابىقىلەشتى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ۋاقتىدا بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىش بىز ئۈچۈن بىر بۆسۈش بولدى. بۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزالىرىنىڭ بەدەن ئىقتىدارى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋ ۋېي مۇسابىقىدىن توختىدى، بىراق كوماندا ئاساسىي جەھەتتىن نورمال سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كوماندىسى ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپلا ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، مەن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىنتايىن رازى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى