تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا «جان» كىرگۈزۈش

− مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس ساۋ فېيمىڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«مۇراسىمغا قاتناشقان ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، نەق مەيداندا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى تەنتەنىلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى ھېس قىلدىم، قەلبىم ھاياجان ۋە ئىپتىخارغا تولدى.» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس دېگەن نامغا ئېرىشكۈچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي كەسىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋ فېيمىڭ مۇراسىمغا قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ناھايىتى ھاياجانلاندى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساۋ فېيمىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كادىر، ئاممىنى مۇزېيغا كىرىشكە، مۇزېينى ياقتۇرۇپ قېلىشقا جەلپ قىلدى. «ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىر قېتىم مۇزېيغا كىرسە، ئەمەلىيەتتە بىر قېتىم جانلىق تارىخ دەرسى ئاڭلىغانغا باراۋەر، ئۇلار ھەربىر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى ۋە مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى توغرا ئىگىلىيەلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشىغان جاي ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان تارىخىي پاكىت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ» دېدى ساۋ فېيمىڭ. 2018 - يىلى، ساۋ فېيمىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ كەسپىي تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە 60 پارچە سەييارە كۆرگەزمە تاختىسى ياساپ، سەييارە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ تارىخى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلدى. چۈشەندۈرگۈچىلەرنى كۆرگەزمىگە ئالاقىدار ھېكايىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ رەھبەرلىككە تەكلىپ بېرىپ، مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللىدى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ھۆججەتلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەتكۈزدى ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ كەسپىيلەشتۈردى، كونكرېتلاشتۇردى. 2018 - يىلى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن مەھەللە، زاۋۇت - كان، كارخانىلاردا 107 مەيدان قېتىم سەييارە كۆرگەزمە قىلدى؛ بۇ يىل 60 نەچچە مەيدان قېتىم سەييارە كۆرگەزمە قىلدى. بۇنداق جانلىق، بىۋاسىتە تەشۋىقات شەكلى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ساۋ فېيمىڭ يەنە شىنجاڭنىڭ قىزىل تارىخىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى. «شىنجاڭنىڭ قىزىل تارىخى ئىنتايىن چوڭقۇر، ياخشى قېزىشقا ئەرزىيدۇ، بىز <قۇشقاچ> ناملىق مەنزىرە تىياتىرى، <شاۋشەنچۇڭدىن چىقىش> ناملىق قىزىل مەنزىرە تىياتىرى قاتارلىقلارنى تەييارلىدۇق.» ساۋ فېيمىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىزىل ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل باش تېمىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ساۋ فېيمىڭ يەنە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا چىن مېھرى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى خالىسە خەمىت بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىدى. خالىسە كىچىكىدىنلا ئانىسىدىن پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاتلىق - تۇرۇم دۇكىنىنى ئېچىشقا ئىرادە باغلىغانىدى. ساۋ فېيمىڭمۇ تاتلىق - تۇرۇم پىشۇرۇش ھەۋەسكارى ئىدى. ئۇ خالىسەگە تورت پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. كېيىن خالىسەنىڭ ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ئىش يۈزبەردى، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلدى. ساۋ فېيمىڭ كۆپ قېتىم ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ مۇڭداشتى، ئاخىر خالىسە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە جاسارىتىنى قايتا تىكلىدى، خالىسە گەرچە قىزىنى يالغۇز باقسىمۇ، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى بەرپا قىلدى. ھازىر خالىسە تورت سېتىپ، ئايلىق كىرىمىنى 6000 يۈەندىن ئاشۇردى. خالىسا مۇنداق دېدى: بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئاچام ساۋ فېيمىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى