تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش  بېيىپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى مەتسەيدى تۇرسۇن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

مۇنداق بىرقىسىم كىشىلەر بار، گەرچە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تىرىشىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغان.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14- شى 225- تۇەن لايسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتسەيدى تۇرسۇن دەل مۇشۇنداق ئادەم. 1964- يىلى تۇغۇلغان مەتسەيدى ياغاچچىلىق قىلىپ باققان، يەر تېرىپ باققان، كالا بېقىپ باققان بولۇپ، ھەقىقىي دېھقان، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. ھالبۇكى، مەتسەيدىنىڭ قىزى ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، نورمال ماڭالمىدى، ئون نەچچە يىل دوختۇرغا كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش ئەسلىدىلا قىيىنچىلىقى بار بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويدى. 2017- يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەتسەيدى شى، تۇەننىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ياردىمىدە، ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى.

مەتسەيدى ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئۇنى ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلدى، ھەر ئايلىق 1500 يۈەن مائاش مەتسەيدى ئائىلىسىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. مەتسەيدى ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىسىلىك ئىش ئورنىدا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ياخشى خىزمەت نەتىجىسىگە ئېرىشتى.

2018- يىلىنىڭ بېشىدا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لايسۇ كەنت «ئىككى كومىتېتى» تەۋەلىكىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىدى، مەتسەيدىنىڭ باقمىچىلىق قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن مەبلىغىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا «نامراتلارنى يۆلەش چۈجىسى»دىن 200 نى ئاپىرىپ بەردى. تۆت ئايدىن كېيىن، مەتسەيدى باققان چۈجىلىرىنىڭ ھەر بىرىنى 85 يۈەندىن ياخشى باھادا سېتىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن مەتسەيدى نامراتلارنى يۆلەش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئارزۇسى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يىراق - يېقىنغا داڭلىق توخۇ بېقىش ماھىرىغا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2019 - يىلى، مەتسەيدى بىر قېتىمدىلا 2000 دىن ئارتۇق چۈجە، 15 قوي، ئىككى كالا سېتىۋالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

مەتسەيدى بېيىغاندىن كېيىن كەنتتىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ كەنتتىكى ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنى ھەقسىز بېقىشقا باشلىدى، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېدى، بىللە تۇردى، خوتۇنى ياشانغانلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ بەردى، قىزى ياشانغانلارغا تاماق ئېتىپ بەردى. 225 - تۇەن پارتكومى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەنتتە ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار كۈندۈزلۈك كۈتۈنۈش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلدى، مەتسەيدى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈتۈنۈش مەركىزى قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەتسەيدىنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار كۈندۈزلۈك كۈتۈنۈش مەركىزى ئۇنىڭ ئۆيىدە قۇرۇلدى. ھازىر، كۈتۈنۈش مەركىزىگە ھەر كۈنى 40 نەچچە ياشانغان كىشى كېلىپ تاماق يەيدۇ، ئارام ئالىدۇ، مەتسەيدى بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشانغانلارنى كۈتۈشنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ، ھەربىر ياشانغان كىشىنى ئەتراپلىق كۈتمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە، مەتسەيدىنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت. كومپارتىيە ياخشى! مەن ھازىر بېيىدىم، ئەمدى جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان ئادەم بولىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى