تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

گاۋ شۇلى: تاكى قۇربان بولغۇچە جەڭگىۋار ھالىتىنى ساقلىغان خەلق قوغدىغۇچىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جېڭ) ھەر يىلى 8- ئايدا، شېنياڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنجوۋ جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدىكى يېڭى، ياش خەلق ساقچىلىرى گوۋباڭزى بېكىتى ساقچىخانىسىدا ساقچىلىققا كىرىشتىكى 1- سائەتلىك دەرسىنى باشلايدۇ. ئىنقىلابىي قۇربان گاۋ شۇلىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى، ساقچى فورمىسى ھەم ئۇنىڭ تاكى قۇربان بولغۇچە جەڭگىۋار ھالىتىنى ساقلىغانلىقى شېنياڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

گاۋ شۇلى بەش خەلق ساقچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قوراللىق توپىلاڭچىلار بىلەن باتۇرانە ئېلىشىش جەريانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 1989- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، لى شىيۇڭ، لى شىبو، لى شىخەيدىن ئىبارەت ئۈچ قەبىھ زوراۋان ئۇنسۇر ئەنشەن، خەيچېڭ، تەيئەندە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش خەلق ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ تاپانچىنى بۇلاپ، شۇ كۈنى كەچتە گوۋباڭزى تەرەپكە قاچقان. سائەت 22دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، گوۋباڭزى بېكىتى ساقچىخانىسى تېلېفوندا جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. سائەت 22دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، گاۋ شۇلى بىلەن خىزمەتدىشى ۋاڭ جىنبياۋ تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆچۈرۈپ خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن، دىجورنىلىق دەپتىرىنىمۇ ياپمايلا، دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىش ئورنىغا چىقىپ، پويىز كۈتۈش زالىنى ئالا قويماي ئارىلاپ ئەستايىدىل كۆزەتكەن.

سائەت 23لەردە، چاڭچۈندىن شىجياجۇاڭغا ماڭىدىغان 214- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ بېلىتىنى تەكشۈرۈش باشلانغان، گاۋ شۇلى دەرھال بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىغا كېلىپ تۇتماقچى بولغان قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى چارلاپ تەكشۈرگەن. كۆپ ساندىكى يولۇچىلار بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ بولغاندا، گاۋ شۇلى پۇتى يارىلانغان بىر ئادەمنى بايقاپ، ئىنتايىن گۇمانلىق ھېس قىلغان. گاۋ شۇلى ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن بۇ ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ مۈرىسىدىن قاماللاپ تۇتۇپ يۇقىرى ئاۋازدا: «سەن نېمە قىلىدىغان ئادەم؟» دەپ سورىغان. ھېلىقى ئادەم تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ، گاۋ شۇلىغا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى پاي ئوق ئاتقان، گاۋ شۇلى شۇ زامان يەرگە يىقىلغان، ئېغىر يارىلانغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇ يەنىلا جىنايەتچىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەي، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادە بىلەن قەيسەرانە ھالدا قاتىل بىلەن ئېلىشقان، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئەگىشىپ كەلگەن يەنە بىر قاتىل گاۋ شۇلىغا يەنە ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچە پاي ئوق ئاتقان. ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن گاۋ شۇلى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

گاۋ شۇلى ۋە سەپداشلىرىنىڭ جان تىكىپ توسۇپ زەربە بېرىشى ئۈچ جىنايەتچى ئۇنسۇرنىڭ قېچىش يولىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان. ئۈچ جىنايەتچى ئۇنسۇر ۋوگزالدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، بىر شوپۇرنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇدۇل شىمالغا مېڭىپ، بېيجېن ناھىيەسىنىڭ باۋجيا يېزىسىغا قېچىپ كەلگەن. 10- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 7دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنۇۋالغان جاي نەچچە يۈز ھەربىي، ساقچى تەرىپىدىن قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئېلىنغان، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئۈمىد قالمىغاچقا، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار تۇتقۇننى ئامالسىز قويۇپ بەرگەن. ئارقىدىن، ھەربىي، ساقچىلار بىرلىشىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان، لى شىخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، لى شىيۇڭ لى شىبونى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان.

ھايات - ماماتلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان گاۋ شۇلى 1980- يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەر خىل جىنايەتچى ئۇنسۇردىن 134نى توسۇپ تۇتقان، باشقا جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياردەملىشىپ 70 نەچچە دېلونى پاش قىلغان، يولۇچىلارغا 1297 ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن. ساقچىلىققا ئەمدى كىرگەن چاغدىلا، ئۇ قوراللىق توپىلاڭچىنى تىرىك تۇتۇش كەچۈرمىشىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1980- يىلى 12- ئايدا، ئىككى جىنايەتچى ئۇنسۇر جىنجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قورال ئىسكىلاتىدىن «54» تىپلىق تاپانچىدىن بەشنى، 1100 نەچچە پاي ئوقنى ئوغرىلاپ كەتكەن. دېلو يۈزبەرگەندىن كېيىن، گاۋ شۇلى ۋە ساقچىخانىدىكى بارلىق ساقچىلار پۇقراچە كىيىنىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تىرىك تۇتۇپ، ئوغرىلانغان بارلىق قورال ۋە ئوقلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

گاۋ شۇلى قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىنغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان.

ئىنقىلابىي قۇربان گاۋ شۇلى قۇربان بولغىلى 30 يىل بولدى، ھەر يىلى چىڭمىڭ بايرىمىدا، جىنجوۋ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى جىنجوۋ شەھىرى ئەتراپىدىكى ماۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ قەبرە سۈپۈرۈپ، سەپدىشى گاۋ شۇلىنى چوڭقۇر ياد ئېتىدۇ. «گاۋ شۇلى گەرچە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق مەردلەرچە كەتتى، بىز ياخشى سەپدىشىمىز، ياخشى قېرىندىشىمىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز» دېدى گوۋباڭزى پويىز بېكىتى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭيۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى