تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى: ئۇششاق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش  بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

ئۈرۈمچى شەھىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ «ئۇششاق قىيىنچىلىقى» «ئۇششاق ئارزۇسى»دىن باشلاپ تۇتۇپ، گۇۋاھنامە ۋە كىنىشكا بېجىرىش مۇرەككەپ بولۇش، پار ھەققىنى تاپشۇرۇش تەس بولۇش، شەھەر ئىچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلدى، ھەر مىللەت ئامما باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

«مەن پاسپورت بېجىرىشنى ناھايىتى ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن نەچچە مىنۇتتىلا بېجىرىپ بولدۇم، يەنە پوچتىدىن ئۆيگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن!» دېدى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە پاسپورت بېجىرگىلى كەلگەن ساۋ شياۋيۈ خۇشال ھالدا.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئامما غەم قىلىدىغان ئىشلار، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار ۋە ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى چىڭ كۆزلەپ تۈزەشنى تۇتۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش، ۋاقىت ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئوتتۇرىغا چىقارغان «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى EMSدا مەخسۇس يەتكۈزۈپ بېرىش» مۇلازىمىتىدە، كارخانا ۋە ئاممىغا جەمئىي 10 مىڭ 814 پارچە يوللانما ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

10- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ يەن يان تېلېفون ئۈندىدارىنى ئېچىپ «تۇرمۇش ھەق تاپشۇرۇش»نى چېكىپ، ئەسكەرتمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى كىرگۈزۈپ پار پۇلىنى ناھايىتى تېزلا تاپشۇردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ كۆزىتىش جەريانىدا شەھەر ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پار پۇلى تاپشۇرۇش شەكلى بىرلا خىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئۈندىدار، چىقىمدان قاتارلىق كۆپ خىل توردا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئېچىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ شىركەتتىكى مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت بانكا بىلەن ھەق تاپشۇرۇش كەسپى بويىچە ھەمكارلىقنى كېڭىشىۋېتىپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي شەھەر ئاھالىلىرى يەنە ھەمكارلاشقۇچى بانكا تور نۇقتىسىدا پار پۇلىنى تاپشۇرالايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) باش تېما تەربىيەسىدە دىققەتنى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ساقلانغان كەمتۈكلۈككە مەركەزلەشتۈرۈپ، «پاكىزلىق قۇرۇلۇشى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان 23 ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشلىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدا 16سى، يېزا - كەنت ساياھەت نۇقتىسىدا يەتتىسى بار بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى سەپەر قىلىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ قېتىم ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى تۈرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى 42 تەكشىلىكتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى پۈتۈپ، جەمئىي 7568 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى يول بويىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تۈرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، 62 يولدىكى 2915 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سىزىقىنى سىزىش ۋەزىپىسى تاماملاندى ھەم ئاقىل ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى نۇقتىدا سىناش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى