تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى كوللېكتىپ ئۆگەندى

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى    شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىپ، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا سىجىل كۈچەش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاش، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئىنچىكە خىزمەت ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، دەل جايىدا بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىشان ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ ئىشلىتىش، ئادەم كۈچىنى تەڭشەپ سەپلەش، يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بىر - بىرلەپ ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامرات ئاھالە پەيدا بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىغا سىجىل كۈچەش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىدىغان غەيرىتى، جەڭ قىلغانسېرى جەسۇر بولۇش جەڭگىۋارلىقىنى داۋاملىق ساقلاشقا، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئىچكى كۈچنى قوزغىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، تىپلار ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ماھارەت، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپلىك بولۇشتەك قىممەت يۆنىلىشى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، بىر مەيدان جەزمەن ياخشى قىلىدىغان قاتتىق جەڭ سۈپىتىدە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرىنچى قول مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۆلۈپ باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كونكرېت تۇتۇپ، ھەرقايسى تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.