تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېغىر نامرات ناھىيەلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 126 مىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا، پىراكتىكانت جيەن شياۋچى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتسىتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلىدىن بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە «ئالتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 126 مىڭ 627 ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

«مەن كەنتتە قۇرۇلغان زاۋۇتتا ئىشلەيمەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەن مائاشىم بار. مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغدىم» دېدى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى يەكەن ناھىيەسى ئودانلىق بازىرى بويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاينىيازخان قۇدرەت خۇشال ھالدا.

بۇلتۇر 3- ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر كىيىم - كېچەك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، بويلا كەنتىدە كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى. ئاينىيازخان ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن بۇ كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ تۇنجى قارار ئىشچىسى بولدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىسى 150تىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى.

نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول. 2018- يىلى ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. يىرىك پىلان بويىچە، 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

يۆتكەپ چىقىش، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇقىم تۇرالايدىغان قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى 186 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %199.49ى ئورۇندالدى. ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاساس سالدى.

ئاينىيازخان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ كەلگەن پايدىنى كۆردى. بۇلتۇر زاۋۇت ئۇ ۋە باشقا ئون نەچچە خادىمنى جىنەنگە بېرىپ تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن ئەتراپتىكى كەنتلەردە قۇرۇلغان زاۋۇتلارغا بېرىپ تېخنىكا ئۆگىتىپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق «تېخنىكا دارىن»ى بولۇپ قالدى، يەنە زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى بولدى.

ئاينىيازخانغا ئوخشاش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشكەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى ئىشىك ئالدىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇتلاردا، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ بەزىلىرى كىچىك دۇكان، كىچىك ئاشخانا، رېمونتخانا ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«بىز مۇقىم ئىش ئورنى، مۇقىم ماھارەت، مۇقىم تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئاساس سالىمىز، كىرىمىنى ئاشۇرىمىز، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى خۇڭۋۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى