تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈچنى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تۈگۈن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاللاپ ئەۋەتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە سىياسەت مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. قوشۇننى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق يېزىلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەترەتكە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تارقاتقۇچىلارغا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ سەركىلىرىگە، يېزا - كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ باشلامچىلىرىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە بىرلىك سەپ بولۇشى كېرەكمۇ ياكى بولماسلىقى كېرەكمۇ، قانداق بىرلىك سەپ بولۇشى كېرەك، بىرلىك سەپنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۇن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.