تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2019- يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى خەلق سارىيىدا 2019- يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە «جۇڭگونى چۈشىنىپ»، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

«جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىنى دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، 21- ئەسىر كېڭىشى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىلقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنى يەر شارىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى، ئېچىۋېتىشىدە قايتا يولغا چىقىش». پۈتۈن يەرشارىدىكى 30دىن ئارتۇق داڭلىق سىياسىيون، ئىستراتېگىيەچى، ئالىم ۋە كارخانىچى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.