تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى بېكىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى 1992- يىلى 10- ئايدا، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 14- قۇرۇلتىيىدا، جياڭ زېمىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ تېزلىشىدۇ.

پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيەمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش جەريانىدا، پىلان بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار يۆنىلىش قىلىنغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پىكىر يولىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

1992- يىلىنىڭ بېشىدا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبتا قىلغان سۆزى پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن بازار ئىگىلىكى جەمئىيەت ئاساسىي تۈزۈمى كاتېگورىيەسىگە تەۋە دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئاسارىتىنى تۈپتىن يوقاتتى.

1992- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، جياڭ زېمىن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا، ئۆزىنىڭ پىلان بىلەن بازار مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئوي - پىكرىنى بايان قىلدى. جياڭ زېمىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم <سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى> نى قوللىنىش دېگەن بۇ قاراشقا بىرقەدەر مايىل.» بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساس سالدى.

شۇ يىلى 10- ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نىشانىدىكى مۇھىم، زور بۆسۈش.

1993- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپى كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە ئاساسىي رامكىسى سۈرەتلەپ بېرىلدى. بۇ قارار 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلاندى.

سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشتىكى ئىسلاھات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە ھەل قىلىندى، بۇ، ماركسىزملىق ئىقتىساد نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن ئىجادىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى