تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مارالبېشىدا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز خەن چىنيەن، يۈ چياڭفۇ، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: «قاراڭلار، بۇ بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، پار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار، چۈشۈمدىمۇ كۈلۈپ كېتىمەن!» 10- ئاينىڭ 23- كۈنى مۇخبىرلارغا يېڭى تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆزلىگىنىدە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرى بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مەرەم تۇرسۇن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

مەرەم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئىلگىرى بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممىسى كېسەك ئۆيدە قىستىلىپ ئولتۇراتتى. 2017- يىلى 8- ئايدا بىر ئائىلە كىشىلىرى مارالبېشى بازىرىدىن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭى ئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئاقدۆڭ كەنتىدىن بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ، 68.5 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدە ئولتۇردى.

نامرات ئاھالە مەرەم ئائىلىسىدىكى بەش جان ئادەمنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىدىكى ئۆزگىرىش مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

نۆۋەتتە مەرەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 813 ئائىلە 3433 ئادەم چەت، يىراق يېزىدىن بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلدى.

مۇخبىر بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ سۇ، توك، پار، يول، گاز، رادىيو - تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت مەيدانى، يەسلى، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى، كەچلىك بازار قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

نامرات ئائىلىلەرنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيەسى كۆچۈرۈش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى ماس قەدەمدە پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ 1- شۇجىسى جېڭ جيەنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە «يېزا - كەنت سېخى»نى كىرگۈزۈپ، «كارخانا + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشى ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر ئارىسىدىن ئادەم قوبۇل قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش، كۆكەرتىش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ تاللا بازىرى ئېچىش، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى ئېچىش ھەمدە بېزەكچىلىك، كەپشەرلەش، ياغاچچىلىق، تىرانسپورت مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 78 پارنىك ياساپ، كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە تىجارەت قىلىشنى يولغا قويدى، پارنىكتا ئىشلەۋاتقان كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولدى.

«مەن كۆچۈپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە مارالبېشى ناھىيەسى خېخۇڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدىم، ھەر ئايلىق كىرىمىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئېرىم بېزەكچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى مەرەم تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن.

نۆۋەتتە، بەخت گۈللۈكى مەھەللىسىدە «بىر ئائىلىدە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش» «بىر ئائىلىدە كۆپ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش» نىشانى ئەمەلگە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى