تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يۇرتداشلارغا مېھرى - شەپقەت يەتكۈزگەن دوختۇر

− مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يېزا دوختۇرى تۇرسۇن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ زىخۇي

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۆزىنىڭ «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققاندا، 59 ياشلىق تۇرسۇن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. «مەن پەقەت تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلارنىلا قىلدىم، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا مۇشۇنداق يۇقىرى شان - شەرەپ بەردى...»

تۇرسۇن يېزا دوختۇرى بولۇپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسىنىڭ ئاققاباق كەنتىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ 30 نەچچە يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئۈن - تىنسىز ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سۆڭىكى زەخىملەنگەن 3000دىن ئارتۇق ئاغرىقنى داۋالاپ ساقايتقان. شۇ جايدا، تۇرسۇننىڭ سۇنۇق تېڭىش تېخنىكىسىنى بىلمەيدىغانلار يوق، ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى ھەممە ئادەم ماختايدۇ، ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى كەڭ تارقالغان.

تۇرسۇن 16 يېشىدىن باشلاپلا دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسىدىكى داڭلىق تېڭىقچى چيا شۇغا ئەگىشىپ تېڭىقچىلىقنى ئۆگەنگەن. سەككىز يىللىق نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا چېنىقىش ئارقىلىق، تۇرسۇن 24 يېشىدىن باشلاپ رەسمىي كېسەل كۆرۈشنى باشلىغان.

1993- يىلى باش باھارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى قازاق چارۋىچى كامال قايراتنىڭ 12 ياشلىق قىزى ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتى سۇنۇپ كەتكەن. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، كامال دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسىغا بېرىپ تۇرسۇننى ئىزدىگەن. تۇرسۇن يولنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي، ئاتلىق كېچىلەپ يول يۈرۈپ كامالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن، كامالنىڭ قىزىنىڭ پۇتىنى تاڭغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن، قىزچاقنىڭ پۇتى پۈتۈنلەي ساقىيىپ، ھېچقانداق كېسەللىك ئاسارىتى قالمىغان. كامال ئەر - خوتۇن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، بىرمۇنچە سوۋغات ئېلىپ كەلگەندە، تۇرسۇن چىرايلىق رەت قىلغان. ئۇ كامال ئەر - خوتۇنغا مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلىققا يولۇقمايدىغان كىم بار، ياردەم قىلالىساملا بولدى، تۈزۈت قىلماڭلار».

2004- يىلى قىشتا، بىڭتۇەن 6- شى 110- تۇەن 1- ليەندىكى دېھقان ئىشچى ھادىقاق قاسىمنىڭ قىزى تەنتەربىيە دەرسىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى قايرىۋالغان، گەرچە داۋالانغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەت خاراكتېرلىك قەدەمنى توغرا ئالالماسلىقتەك ئاسارەت قېپقالغان. قىزچاق شۇنىڭدىن باشلاپ سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغان، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان. كېيىن ھادىقاق تۇرسۇننى ئىزدەپ بارغان. تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تەبىئىي قارىغاي يېلىمى قاتارلىق دورىلار بىلەن كېسەلنى تۈزىتىپ داۋالىغان. ئون نەچچە كۈن داۋالاش ئارقىلىق ھادىقاقنىڭ قىزىنىڭ يارىلانغان ئوشۇقى ساقايغان. قىزىنىڭ پۇتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھادىقاق تۇرسۇننىڭ قولىنى تۇتۇپ ھاياجانلانغىنىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان.

76 ياشلىق قازاق موماي قايشا تۇرسۇننىڭ قوشنىسى، ئۇ بۇرۇنلا جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئائىلىسى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، تۇرسۇن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مومايغا 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. 2011 - يىلى، كەنت ئاھالىسى باقىت مۇراتنىڭ ئوغلى موتوسىكلىت مىنىپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ جىددىي داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، تۇرسۇن ئىككىلەنمەيلا 1000 يۈەن پۇلنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى...

نەچچە ئون يىل مابەينىدە، تۇرسۇن مۇشۇنداق خالىس قۇتقۇزىدىغان - ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئىشنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن داۋراڭ سالمىدى، ئۆزىنى قالتىس چوڭ ئىش قىلغاندەكمۇ ھېس قىلمىدى. ئىلگىرى بىرەيلەن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ ئۇنى چوڭ شەھەرگە بېرىپ سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چارۋىچىلىق رايونىدا تۇغۇلغان، چارۋىچىلىق رايونىدا چوڭ بولغان، گەرچە ھازىر ئازراق داڭقىم چىققان بولسىمۇ، لېكىن چارۋىچىلىق رايونىدىكى يۇرتداشلار ماڭا تېخىمۇ موھتاج».

تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى تامغا ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تەقدىم قىلغان نەچچە ئون لەۋھە ئېسىلغان. ھەر قېتىم بۇ لەۋھەلەرنى كۆرگەندە، تۇرسۇننىڭ قەلبى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا تولىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، دوختۇر ئۈچۈن ئېيتقاندا شۇنچە كۆپ ئاغرىقلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخت ۋە خۇشاللىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى