تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئىگىلىك تىكلەش يولىدا يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى لەڭگەر كەنتىدىن. 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسى ۋە مېدالىنى چىقاردى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش

ئوبۇلھەسەننىڭ بوۋىسى كەنتتىكى تۇنجى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. بوۋىسىنىڭ يۇرتداشلارنى بارچە ئاماللار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەۋاتقان ئالدىراش سىيماسى ئوبۇلھەسەننىڭ كاللىسىغا مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە، چوڭلارنىڭ ئائىلىدە ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە قىلىدىغىنى قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش ئىدى.

1999 - يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوبۇلھەسەن يۇرتىغا قايتىپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدى ھەم ئىككىنچى يىلى شەرەپ بىلەن كومپارتىيە ئەزاسى بولدى. مۇقىم كىرىمى بولغاندىن كېيىن، ئۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە باشلىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا، ئەتراپىدىكى بىرقانچە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئوبۇلھەسەندە مۇنداق يېڭى ئوي پەيدا قىلدى: تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچۈم بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشىم كېرەك.

ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپلا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئوبۇلھەسەن ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرغاندا، بوۋىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى. «ئەينى چاغدا، بوۋام ناھايىتى قەتئىي ھالدا ماڭا: <بالام، يۈرەكلىك ھالدا قىلىپ باق! كومپارتىيە ئەزاسى چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك، ئىرادەڭ بولسىلا، چوقۇم مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن> دېدى.» ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قەلبىمنى كۈچ - قۇدرەتكە تولدۇردى».

ئىگىلىك تىكلەپ 1000غا يېقىن نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش

قاشتېشى، قۇرۇق مېۋە، يېمەك - ئىچمەك... ئوبۇلھەسەن بېيىش يولىدا تىرىشىپ ئىزدەندى. ھالبۇكى، دەسلەپتە ئىشلىرى ئانچە مۇقىم بولماي، ياردەم بەرگەن ئادەملىرىمۇ چەكلىك بولدى، بىرمەھەل ئۇ گاڭگىراپ قالدى.

ئوبۇلھەسەن ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئاتىسىغا ئېيتتى، تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئاتىسى: قاراقاشتىكى تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى بىلىدىغان نامرات ئاممىنى بىر يەرگە يىغمايلىمۇ دېدى، بۇ سۆز بىردىنلا ئۇنى چۈشتىن ئويغاتتى. قاراقاش ناھىيەسىدە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ نۇرغۇن ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى تىككۈچىلىك ماھىرى. ئەگەر يۇرتىدا كىيىم - كېچەك پىششىقلاش كارخانىسى قۇرسا، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغۇ؟ ئۇ قىلىمەن دەپلا ئىشنى باشلىدى، 2010- يىلى ئوبۇلھەسەن ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ يىغقان مەبلىغىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ نامراتلارنى يۆلەش يولىنى ئاچتى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز خوتەن ۋىلايىتىدە بىرقەدەر بۇرۇن قۇرۇلغان كىيىم - كېچەك پىششىقلاش كارخانىسى.» ئوبۇلھەسەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاھالىسى تارقاق، مەركەزلەشتۈرۈپ زاۋۇت قۇرۇش قولايسىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز سېخنى كەنتكە قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن كەسىپ تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 11 كەنتتە زاۋۇت قۇردى، 1500دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىمىز بار، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

«كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز لايىھەلەپ تىككەن كىيىملەرنىڭ سېتىلىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى. كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 956سى بار، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 1500 يۈەندىن ئېشىپ، ھەممىسى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى» دېدى ئوبۇلھەسەن مۇخبىرغا.

لەڭگەر كەنتىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئوبۇلھەسەن مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 20 نەچچە ئىشچى - خىزمەتچى ۋە 20 دانە ھەرخىل توكلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن ئىش باشلاپ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، بۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.» سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاراقاش ناھىيەسىدىكى تۇنجى بولۇپ پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان پۇقراۋى كارخانىغا ئايلاندى.

ئوبۇلھەسەن ھەربىر پارتىيە ئەزاسىدىن قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شىركەت يەسلى قۇرۇپ، ئاياللارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ 500 توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا بېرىپ كېلىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى؛ ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، يېتەكلىشى بىلەن، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەت ئېجىل - ئىناق بولۇپ، كۆپچىلىك بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىيات بارغانسېرى ياخشى بولدى. شىركەتكە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانا» قاتارلىق شەرەپلىك ناملار بېرىلدى.

گەرچە كارخانىنىڭ تەرەققىياتى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كەنتتىكى تىككۈچىلىكنى بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن نامرات ئاھالە قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئوبۇلھەسەن كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەربىر ئائىلىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2018- يىلى، ئۇ لەڭگەر كەنتىدە 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سودا - تىجارەت، سەيلە - ساياھەت، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، دېھقانلار ئارامگاھى، مەززىلىك تائاملار، كىيىم تىكىش بىر گەۋدە قىلىنغان «نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرى كوچىسى»نى قۇردى، كەنتتىكى 150تىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بار بولدى.

«ھازىر لەڭگەر كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، بوۋام بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئارزۇ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى» دېدى ئوبۇلھەسەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى