تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«نەمۇنىچى تۇەن جېڭۋېيى» ياڭ چۇڭيۈەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 10- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چيۇ بىڭچىڭ) جياڭسۇ ليۇخېدىكى خېڭلياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرسىلا كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا بىر مىس ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ - چىققاندا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان «ئۇ» نى كۆرەلەيدۇ.

ئۇ دەل ياڭ چۇڭيۈەن، 1947- يىلى جياڭسۇ ليۇخېدا تۇغۇلغان. 1968- يىلى 3- ئايدا چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە قاتناشقان، شۇ يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەڭچى، پەيجاڭ، گەنشى، جاۋداۋيۈەن، تەشكىلات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، تۇەن جېڭۋېيى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شاڭشياۋلىق ھەربىي ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ قىسىمنى قىزغىن سۆيۈپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، كۆپ قېتىم لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئاكتىپى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

1986- يىلى 8- ئايدا، ئەمدىلا دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ياڭ چۇڭيۈەن ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز بولغان مەلۇم توپچىلار تۇەنىگە يۆتكىلىپ جېڭۋېي بولغان. پۈتۈن تۇەن ھەربىيلەر چوڭ يىغىنىدا، ياڭ چۇڭيۈەن «پاك - دۇرۇس، ئادىل، ئەمەلىيەتچىل» بولغان ئىلغار تۇەن پارتكومى بەرپا قىلىش تەدبىرىنى پۈتۈن تۇەندىكىلەرگە جاكارلاپ، كۆپچىلىكنىڭ نازارەت قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە: «مەن تۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شۇڭا ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك، ئۇنداق قىلالمىسام ئاۋۋال دەككەمنى يەيمەن» دېگەن.

ياڭ چۇڭيۈەن دېگىنىنى قىلغان، ئۇ پارتكوم بەنزىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قىسىم قۇرۇلۇشىنى تۇتقان؛ كادىرلارنى باشقۇرۇشتا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، دۇرۇس كەيپىياتنى ياقىلاپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتا قاتتىق بولغان؛ ئادەتتە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ھەم ئۇنى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلغان. ئۇ ئىستىلدا چوڭقۇر، خىزمەتتە پۇختا بولغان، كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ليەندۈيلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. جېڭۋېيلىقنى ئۆتىگەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ 300 نەچچە كۈن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، بۇ جەرياندا ليەندۈيلەردە 100 نەچچە كۈن نۇقتىدا تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى بىلەن «بەنزىدىكىلەر»نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

1987- يىلى، ياڭ چۇڭيۈەن پۈتۈن تۇەننى باشلاپ شى ۋە جىتۇەنجۈن تەشكىللىگەن باھالاشتا يەتتە تۈردە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇ ۋە تۇەنجاڭ جىتۇەنجۈن پارتكومى تەرىپىدىن «بىر جۈپ ياخشى باش كوماندىر» بولۇپ باھالانغان. 1988- يىلى، ئۇ تۇرۇشلۇق تۇەن پارتكومى جىتۇەنجۈن تەرىپىدىن ئىلغار تۇەن پارتكومى بولۇپ باھالانغان. ياڭ چۇڭيۈەن جياۋ يۈلۇنىڭكىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىممەتلىك روھقا ئىگە بولۇپ، كوماندىر - جەڭچىلەر ئۇنى «ئارمىيەدىكى جياۋ يۈلۇ» دەپ تەرىپلىگەن، پارتكوم بەنزىسىدىكىلەر ئۇنى «پاك - دۇرۇس ياخشى بەنجاڭ» دەپ تەرىپلىگەن.

1988- يىلى 11- ئايدا، ياڭ چۇڭيۈەن ليەندۈيدە نۇقتىدا تۇرغاندا، دىيابېت كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. نۇقتىدا تۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئورگانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاغرىق تۇرۇپمۇ ماقالە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان. 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۇنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، ئۇ خوتۇنىغا تەشكىلگە شەخسىي تەلەپ قويماسلىقنى تاپىلىغان. 1989- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، ياڭ چۇڭيۈەن كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 42 ياشتا ئىدى.

1990- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ياڭ چۇڭيۈەنگە «نەمۇنىچى تۇەن جېڭۋېيى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى.

«چۇڭيۈەن روھى» ياڭ چۇڭيۈەن يۇرتىدىكى خەلققە قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ليۇخې رايونى خېڭلياڭ كوچا باشقارمىسى خۇاڭجۇڭ كەنتىدە ياڭ چۇڭيۈەننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ جاي قىزىل ھەربىي قىسىم مەدەنىيىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئالاھىدىلىك قىلغان تەربىيە بازىسى قىلىنىدۇ. خېڭلياڭ كوچا باشقارمىسى خۇاڭجۇڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ چېڭخۇڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ئۇلار دائىم پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت كۈنىدە كەنتتىكى ياشانغانلارنى ياڭ چۇڭيۈەننىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. «بىز ياڭ چۇڭيۈەننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىمىز، كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى