جۈزىنىڭ رولى كۆپ بولۇپ، پوستى، يىپچىلىرى، ئۇرۇقى، ئېتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «تەبىئىي دورا» ھېسابلىنىدۇ.
جۈزە پوستى ئېغىزدىكى پۇراقنى ئالىدۇ. يېڭى جۈزە پوستى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە پۇراقلىق ماي بولۇپ، بەلغەمنى بوشىتىش، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارى بار. جۈزە پوستىنى بىر قانچە قېتىم چايناپ تۈكۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقىدىكى غەيرىي پۇراقنى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ. جۈزە پوستىدا چاي دەملىگەندە، پۇرىقى مەززىلىك بولىدۇ، بۇ ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلغاندىن باشقا، يەنە يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ روھلاندۇرىدۇ.
جۈزە پوستى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. جۈزە پوستىنى ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. جۈزە پوستىنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، تال، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئاپېلسىن پوستىنى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلسىمۇ، ياكى شورپا قايناتسىمۇ بولىدۇ.
جۈزە يىپچىلىرى قان تومۇرنى قوغدايدۇ. جۈزىدە ئاق رەڭلىك تورسىمان يىپچىلار بولۇپ، «جۈزە يىپچىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە «رۇتىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بولغاچقا، ئاچچىق تەمى بار. لېكىن، بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارنىڭ نورمال ئېلاستىكىلىقى ۋە زىچلىقىنى ساقلاپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ چۈرۈكلىكى ۋە خۇسۇسىيىتىنى پەسەيتىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جۈزە يىپچىلىرىنى بىۋاستە يېسىمۇ، چاي دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.
جۈزە ئۇرۇقى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ. جۈزە ئۇرۇقى بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننى ئىللىتىش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، سوغۇقنى ھەيدەپلا قالماستىن، يەنە ئاغرىق توختىتىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا جۈزە ئۇرۇقىدا چاي دەملەپ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئادەتتە 3-5 گىرامغىچە ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر قاتتىقراق ئاغرىغاندا، 10 گىرام ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
جۈزە ئېتى ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. جۈزە ئېتىنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، جۈزە تەركىبىدە ۋىتامىن C، كاروتىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەر، يەنە ئوكسىدلىنىشقا، راكقا، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تەركىبلەر بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سەكتە ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى