تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قەلبىمىزنى ئىللىتقۇچىلار

تىيانشان تورى خەۋىرى: «رەھمەت سىلەرگە، بىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ياردەم قىلدىڭلار، سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىزنىڭ يايلاق كۆچۈشىمىز بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالاتتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەقىقەتەنمۇ قەلبىمىزنى ئىللىتقۇچىلار بولدى.» يېقىندا، چارۋىچى زاخان نەبى ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا ھاۋا بارا-بارا سوۋۇشقا باشلىدى. جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايەتلىك تارماق شىركىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى كۇرتى يېزىسى جىراتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالتە ئائىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق يايلاق كۆچۈشىگە ياردەملەشتى.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن چارۋىچى زاخان نەبىنىڭ ئايالى مېيىپ، ئىككى بالىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئىدى، باشقا چارۋىچىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قىشلاقلارغا كۆچۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ جىددىيلىشىپ قالغانىدى.

خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، چارۋىچىلىق مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ ئۇنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە ياردەملەشتى، چارۋىچىلىق مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كىگىز ئۆي ياساپ بەردى، يوتقان، پوپايكا، كۆمۈر، نان، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

(ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سىلاش تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى