سېمىزلىك ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپلا قالماي، يەنە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، سېمىزلىك قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئەنگىلىيە ئوكسفورد داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 1000 بىمارنىڭ قېنى ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە، سېمىز بىمارلارنىڭ قېنىدىكى WNT5A دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل مىقدارىنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە WNT5A سەۋىيەسىگە ئىگە بىمارلارنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىدا تېخىمۇ تېز داغ توپلىنىش بولغانلىقىنى بايقىغان. بۇ داغ پارچىلىرى ياغ، كالتسىي ۋە باشقا ماددىلارنىڭ چۆكۈندىسى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئارتېرىيەگە كىرىپ، يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتە پەيدا قىلىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق دورا ئالالمايدۇ، يېمەك - ئىچمەك ۋە ھەرىكەت مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇۋاپىق ئورۇقلاش يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق. (شياۋ چىڭ)
خەلق تورىدىن ئېلىندى