تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ فاڭپىڭ، تۇرسۇنگۈل سامساق خەۋىرى): يېقىندا، 3-شى 51-تۇەن دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمى، ئاممىۋى سەھىيە بۆلۈمىدىكى تېببىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن ئون كىشى مارالبېشى ناھىيەسى چارباغ يېزىلىق شىپاخانىغا بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما داۋالاش ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.
چارباغ يېزىلىق شىپاخانىدا، 51- تۇەن دوختۇرخانىسى بىلەن چارباغ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى سۆھبەتلىشىش شەكلى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئاممىۋى سەھىيە باشقۇرۇش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، بولۇپمۇ تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، «بىر بېكەت شەكلى» دىكى مەشغۇلات تەرتىپى، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا ئورتاق ئىزدەندى.
يىغىندىن كېيىن 51-تۇەن دوختۇرخانىسى بىلەن چارباغ يېزىلىق شىپاخانا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاغرىقلارنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى