تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چەرچەن ناھىيەسىدە 190 مىڭ مو يەردىكى چىلاننى ئۈزۈش باشلاندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېن شۆرۇ، جاۋ گې خەۋىرى، فوتوسى) بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدىكى چىلانلار پىشتى، چىلانچى دېھقانلار خۇشاللىققا تولدى. 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، «جۇڭگو چىلان يۇرتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار چەرچەن ناھىيەسىدە 190 مىڭ مو يەردىكى ئەلا سۈپەتلىك چىلاننى ئۈزۈش باشلىنىپ، ھەممە يەر كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە تولدى.

     ئارال بازىرى گۈزەل كەنتىدىكى مەمەت يۈسۈپ چىلان دەرىخى ئاستىدا تۇرۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. 2016- يىلى، مەمەت ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، شۇ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، چىلان ئۈزۈشنى باشلىماي تۇرۇپلا، زاكاس ئېلىپ بولدى.

  «بۇ يىلقى ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن كۆپ، تەمى، قەنت مىقدارى ناھايىتى ياخشى.» دېدى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى شامو يۈندۇ چىلان تالىقىنى زاۋۇتىنىڭ دېرىكتورى شىڭ جىيۈەن خۇرسەنلىك بىلەن مۇخبىرغا.

  2003- يىلنىڭ بېشىدا، شىڭ جىيۈەن 50 مو چىلاننى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن بازاردىكى بىرىنچى بولۇپ چىلان ئۆستۈرگەن ئائىلە بولۇپ قالغان ئىدى. 2013- يىلغا كەلگەندە، شىڭ جىيۈەننىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 170 موغا يەتتى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 70 نەچچە توننا بولدى. بۇلتۇر، ئۇنىڭ چىلانلىق بېغى ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشكە ئالماشتۇرۇش مەزگىلىگە كىردى.

  2017- يىلى، شىڭ جىيۈەن ۋە چىلان ئۆستۈرىدىغان 5 ئائىلىلىك كەنت كادىرلىرىنىڭ قوللىشىدا، چەرچەن ناھىيەلىك جىيۈەن چىلانچى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، 2017- يىل 4- ئايدا چەرچەن ناھىيە شامو يۈندو چىلان تالقىنى زاۋۇتىنى قۇردى، شۇ يىلى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېڭى چىلان 50 نەچچە توننا بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن بولدى.

  2002- يىلدىن باشلاپ، چەرچەن ناھىيەسى چىلاننى ئاساس قىلغان خاس ئورمان باغۋەنچىلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «مەملىكەتلىك يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى (چىلان) نى ئۆلچەملەشتۇرۇش بازىسى»، «جۇڭگو چىلان ماكانى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، «جۇڭگو چىلان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات 1- دەرىجىلىك مۇكاپات»، «جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك شاڭخەي يەرمەنكىسىدىكى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق شەرەپكە ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى «ئورگانىك بوستانلىق» نى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 190 مىڭ موغا مۇقىملاشتۇردى ھەمدە ئورگانىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  ھازىرغىچە، چەرچەن ناھىيەسىدە جەمئىي 45 مىڭ مو يەردىكى چىلان ئورگانىك چىلانغا ئۆزگەرتىلىپ، 5800 مو يەردىكى چىلان ئورگانىك چىلان ئېتىراپنامىسىغا ئېرىشتى، 100 مىڭ مو چىلانلىق ئورگانىك ئەندىزە بويىچە باشقۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى