تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى يەن جېڭليەن: كۈچلۈك ئوتتا تاۋلانغان ساداقەت

يەن جېڭليەننىڭ سۈرىتى. (ماتېرىيال سۈرەت) (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 10- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ ۋېن) شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىنىڭ ئەسلىدىكى 4- نومۇرلۇق باكىنىڭ تەگلىكى يېنىدا، ئىنقىلابىي قۇربان خاتىرە راۋىقى ھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى 30 يىل ئىلگىرىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. زور بىر تۈركۈم ئوت ئۆچۈرۈش كۈرەش قەھرىمانلىرى قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، بىر تەسىرلىك جەڭ ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى. ھەر يىلىدىكى چىڭمىڭدا، كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىدىكى كۈچلۈك ئوتنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى ياد ئېتىدۇ.

30 يىل ئۆتۈپ كەتتى، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيى 1- جۇڭدۈيىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى نۇرغۇن قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن 1- جۇڭدۈينىڭ سابىق مۇۋەققەت مۇئاۋىن جۇڭدۈيجاڭى يەن جېڭليەننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش پەقەت ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

يەن جېڭليەن، 1963- يىلى 12- ئايدا شەندۇڭ لىنيىدا تۇغۇلغان، 1982- يىلى 12- ئايدا چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيىگە كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسكىرى بولغان. 1983- يىلى يەن جېڭليەن بەنجاڭلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ يېتەكلىگەن بەن ئۇدا بەش يىل ئىلغار بەن بولۇپ باھالانغان. 1986- يىلى 1- ئايدا يەن جېڭليەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1987- يىلى، ئۇ سەككىز سەپدىشى بىلەن بىللە شەندۇڭ ئۆلكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوت مۇداپىئە تېخنىكىسى بويىچە تىركىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئومۇمىي نومۇردا بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، يەن جېڭليەن جەمئىي 400 قېتىمدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان.

1989- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 9دىن 55 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىدىكى 5- نومۇرلۇق ماي باكىنى چاقماق سوقۇۋېتىپ پارتلاپ ئوت كېتىپ، 16 مىڭ توننا نېفىت كۆيۈپ ئېقىپ چىقىپ، ئەتراپتىكى چوڭ - كىچىك 15 ماي باكى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان. سائەت 10دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، يەن جېڭليەن بۇيرۇققا بىنائەن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە جەڭچىلەرنى باشلاپ ئوت كەتكەن مەيدانغا ئۇچقاندەك بېرىپ، 5 - نومۇرلۇق ماي باكىنىڭ شەرق تەرىپىدىن 30 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى 4- نومۇرلۇق ماي باكىنى سوۋۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ سىرلىرىنى قىزدۇرۇپ ئېتىلدۇرۇۋەتكەن. يەن جېڭليەننىڭ قالپىقى، نىقابى قىزىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئۇدا ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمىگەن.

سائەت 14لەردە، شامال يۆنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن. 5- نومۇرلۇق ماي باكىدىكى كۈچلۈك ئوت 4- نومۇرلۇق ماي باكىغا يامراپ كەلگەن، باك دىۋارىدىن ئاپپاق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ زور ئاپەت يۈزبېرىش خەۋپى تۇغۇلغان. خەتەرلىك ئەھۋالدا، يەن جېڭليەن سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپتىن، يەنە ئىككى سۇ پۈركۈگۈچنى يۆتكەپ كېلىپ سۇ پۈركۈش كۈچىنى كۈچەيتىشكە قوماندانلىق قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەرنى باشلاپ ھاۋاغا سۇ پۈركۈپ، ئىككى ماي باكى ئارىسىدا سۇ پەردىسى ھاسىل قىلىپ، ئوتنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان.

شامال كۈچىيىپ ئوت شىددەت بىلەن كۆيۈپ، ئەھۋال ئېغىرلاشقانلىقتىن، قوماندان كەسكىنلىك بىلەن نەق مەيداندىن چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇ چاغدا يەن جېڭليەن ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالدى بىلەن جەڭچىلەرنىڭ چېكىنىشىگە قوماندانلىق قىلغان. كۆپ ساندىكى كىشىلەر چېكىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەن جېڭليەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئىككى يېڭى جەڭچىنىڭ يەنىلا سۇ پۈركۈگۈچ بىلەن سۇ چېچىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال بىر تەرەپتىن ۋارقىراپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قاراپ يۈگۈرگەن. ئۇ ۋە ئىككى يېڭى جەڭچى چېكىنىۋاتقاندا، 4- نومۇرلۇق ماي باكى پارتلاپ، سېمونت پارچىلىرى تەرەپ - تەرەپكە چاچرىغان، ئوت يالقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە يۈز مېتىرغا يەتكەن، نەچچە مىڭ توننا نېفىت ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان، يەن جېڭليەن بىلەن ئىككى يېڭى جەڭچىنى مىڭ گىرادۇسقا يېقىن نېفىت ئوتى يالقۇنى يۇتۇپ كېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

شۇ قېتىمقى پارتلاشتا، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيىدىن جەمئىي 14 ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەر قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، 80 نەچچە ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1- جۇڭدۈيدىن تۆت ئادەم قۇربان بولغان، 15 ئادەم يارىلانغان، خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇربان بولۇپ يارىلىنىپ، پۈتۈن تارماق دۈي بويىچە زىيان ئەڭ زور بولغان بىر جۇڭدۈي بولۇپ قالغان.

سەپداشلىرى يەن جېڭليەننىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەۋاتقاندا، بىر پارچە قان بىلەن يېزىلغان «جەڭگە قەتئىي قاتنىشىش ئىلتىماسى»نى بايقىغان. 1987- يىلى چوڭ ھىنگان تېغى ئورمانلىقىدا پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن. يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەر ۋاقىت ئوت مەيدانىغا بېرىش بۇيرۇقى كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغان. يەن جېڭليەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ، بۇ جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى يېزىپ پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرغان. ئۇ: مەن چوڭ ھىنگان تېغىغا چىقىشنى ئىلتىماس قىلىمەن! دەپ يازغان. كوماندىر - جەڭچىلەر ھەر قېتىم چىن يۈرەك ۋە ئىسسىق قان بىلەن يېزىلغان بۇ جەڭ قىلىش ئىلتىماسىنى كۆرگەندە تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.

1989- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش بۇسى يەن جېڭليەننى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ تەستىقلىغان. 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يەن جېڭليەنگە «ئوت ئۆچۈرۈش كۈرەش قەھرىمانى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىپ «1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» مېدالى بەرگەن. 1989- يىلى، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيى 1- جۇڭدۈيى خۇاڭداۋدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، كوللېكتىپ 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

چىڭداۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق دۈيى جېجياڭ يولى (ئەسلىدىكى 1- جۇڭدۈي) جۇڭدۈيجاڭى دۇڭ خۇڭلىن مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي قۇربان يەن جېڭليەن 1- جۇڭدۈيىمىزدىكى پېشقەدەم ئەسكەر، 1- جۇڭدۈيىمىزنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس شان - شەرىپى. ھەر يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋە چىڭمىڭدا بىز ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى