تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى 1991- يىلى 3- ئايدا، مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولدى.

ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، جۇڭگو يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

1984- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بىرلىكتە «نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىنى تېز ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئون نەچچە تۇتاش نامرات رايوننىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 1986- يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى پىلانلىق، تەشكىللىك، كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇردى.

90- يىللارغا كىرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «7- بەش يىل» مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلچەم تۆۋەن، تۇراقسىز، تەڭپۇڭسىز، پەرق بىرقەدەر چوڭ ئىدى.

1991- يىلى 3- ئايدا، مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پارتىيە ۋە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، كۆپ قېتىم نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

1993- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان نامرات ئاھالە 80 مىليون ئادەمگە ئازايدى. بۇ بىر قىسىم نامرات ئاھالە ئاساسلىقى تەبىئىي مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ناچار رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى بارغانسېرى زورايدى.

بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، گوۋۇيۈەن 1994- يىلى «دۆلەتنىڭ يەتتە يىل ئىچىدە 80 مىليون نامراتنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا باشلاپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يەتتە يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 2000- يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىغا بارغاندا يېزىلاردىكى 80 مىليون نامرات نوپۇسنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ پىلانغا ئاساسەن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە تېز سۈرئەتتە پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىش، پۈتۈن جەمئىيەت سەپەرۋەرلىككە كېلىش، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى