تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، بەنزىنىڭ سەپلىنىشى تولۇق بولماسلىق، پائالىيەت دائىملىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

 ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانداق قانات يايدۇرۇشى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۈنۈملۈك يېتەكلىدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، باش تېما تەربىيەسىگە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باش تېما تەربىيەسىدە دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەلگىلەنگەن كىتابلارنى ئەينەن ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىق تور سۇپىلىرىغا تايىنىپ، ئۈندىدار يىغىنى، ئۈندىدار دەرسخانىسى، ئۈندىدار پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى يۈكسەكلىككە، چوڭقۇرلۇققا، ھارارەتكە ئىگە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشنىڭ قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا بىرلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ شاڭخاۋجيا يېمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدىكى ھەرقايسى ئىش ئورنى، ھەرقايسى ھالقىلاردا «پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئىش ئورنى» «پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت رايونى» تەسىس قىلىپ، «پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، خىزمەتنى سۈپەتلىك ئىشلەش، ئىلغارلىق ئوبرازىنى تىكلەش» مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا «بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ياردەم بېرىش، ئېشىپ كېتىش»تەك كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ مىڭ مۇنداق دېدى: «باش تېما تەربىيەسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتتىن ئىبارەت قوش چاقنى قوزغىتىشىدىكى <ماي قاچىلاش پونكىتى>، قانچە ئەمەلىي تۇتۇلسا، ئۈنۈمى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ».

ساۋەن ناھىيەسى ساۋەن سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، ناھىيەلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ناھىيەلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق (ئورۇن) ھەم 14 يېزا - بازار (مەيدان)نى تەشكىللەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تىجارەت قىلىش ئەھۋالى ئېنىق بولۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولۇش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولۇش، مەبلەغ چىقارغۇچى (مەسئۇل كىشى)نىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرمۇ ياچېيكىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ پارتىيە ئەزاسىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تەكشۈرۈش - كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش ئارقىلىق ساۋەن ناھىيەسى 12 مىڭ 633 ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلات ۋە 1396 ئىجتىمائىي تەشكىلاتتا، ئايرىم تەشكىللەپ قۇرۇش، بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭىدىن 54 پارتىيە تەشكىلاتى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل يوللارنى قوللىنىپ، پارتىيەۋىلىك قارىشى كۈچلۈك، تىجارەتنى بىلىدىغان، باشقۇرۇشنى ئۇقىدىغان، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر 54 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىلىق ئىش ئورنىغا كۆرسىتىپ، «تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك» بولغان «قوش كۈچلۈك» تىپتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (شەھەرلىك سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى) سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، نۆۋەتتە ئومۇمەن ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بار، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (شەھەرلىك سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى) يەنە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېتەكچىلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېتەكچىسىدىن يەتتىنى 12 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ئۇلارغا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى تەشۋىقاتچى، يېتەكچى، نازارەتچى - ھەيدەكچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، ئۇچۇرچى، مۇلازىمەتچىلىك مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى.

باغراش ناھىيەلىك پارتكوم مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، بەنزىنى كۈچەيتىش، قوشۇن قۇرۇش، قائىدە ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. باغراش ناھىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە چاقىرغۇچى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە «كۆپ كۈچ كېتىدىغان» ئىش ئورنىدا كادىرلارنى چېنىقتۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلاردا ئېغىپ كەتمەسلىككە، قۇرۇق قاترىماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق باغراش ناھىيەسى شىنتەي يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ شۇنفا مۇنداق دېدى: «پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ياخشى تۇتۇلۇپ، كارخانىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچەيدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىمۇ مۇقىملاشتى، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ ئىللىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى».

ئاقسۇ ۋىلايىتى 909 ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتتا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى. ھازىرغىچە، پارتىيە ئەزالىرى - ئىتتىپاق ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن جەمئىي 75 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلدى، جەمئىي 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىندى، 40 مىڭغا يېقىن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىندى، باغۋەنلەرنىڭ 30 مىڭ توننىدىن كۆپرەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىلدى، بۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، شيا چىڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ پېيچى، گو چېڭ، دۇڭ چېڭجۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى