تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2-نۆۋەتلىك شىزاڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ماھارەت مۇسابىقىسى باشلاندى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك شىزاڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ماھارەت مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، ھەيكەلتىراش مىس تاختىغا دەسلەپكى سىزمىنى سىزماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك شىزاڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ماھارەت مۇسابىقىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا باشلاندى، شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەيكەلتىراشلار نەق مەيداندا ئىختىيارىي تارتىلغان ھەيكەلتىراشلىق تېمىسىغا ئاساسەن، نەق مەيداندا ھەيكەلتىراشلىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تارقاتقان شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك ھەيكەلتىراشلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىدۇ. شىزاڭدا ھازىر ھەيكەلتىراشلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 2000دىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى لاسا، رىكازې ۋە چاڭدۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. (جىنمېي دوجى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى