تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى توغراقلار ئەڭ ياخشى ھۇزۇرلىنىش پەسلىگە كىردى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، لوپنۇر كۆلى مەنزىرە رايونىدا توغراقلار بىلەن قۇملۇق بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى . 

     تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز بەي جيالى خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار ئەڭ گۈزەل پەسىلگە كىرىپ نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى .

     مۇخبىر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم توغراق باغچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، باغچىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل، ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپتىكى مېھمانساراي، دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

     قويۇق كۈز تۈسىگە كىرگەن ئالتۇن يوپۇرماقلىق توغراقلىق ئارىسىدا، ساياھەتچىلەر چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتى يەنە مەخسۇس فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى كەچكى شەپەق نۇرىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۈتۈۋاتاتتى.

     شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇ توغراقلىقنىڭ كۆلىمى 15 مىليون موغا يېتىدۇ، دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئىككى قىرغىقىغا كەڭ تارقالغان بۇ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ قۇملۇقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ھۇجۇمىدىن توسۇپ تۇرىدۇ.

     «بىز بەش دوست  مەخسۇس چۇڭچىڭدىن بۈگۈر ناھىيەسىگە كۈز پەسلىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلدۇق. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىز ئالايىتەن توغراق يوپۇرماقلىرىنىڭ سارغىيىش ۋاقتىنى تەكشۈردۇق، بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئوبدان ھېس قىلىپ باقماقچىمىز» دېدى چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ جۈن.

   تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، قۇملۇقنىڭ جەنۇب - شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان تارىم قۇملۇق تاشيولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. قۇملۇق ۋە توغراقلىقتىن  باشقا، ساياھەتچىلەر بۇ تاشيولدا ھەيۋەتلىك تارىم قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ تاشيولمۇ مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە مىڭ يىللىق توغراقلار بىلەن «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل تاشيول»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى