تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

86- تۇەن يولغا قويغان «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

       تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5- شى 86- تۇەن 16-ليەنىنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىش بازىسىغا تۈركۈم- تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەر كەلدى. بۇ بازىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 900 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بورتالا شەھىرىگە 6.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ بازا  ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس  قاتارلىق مېۋە- چېۋە ۋە ھەر خىل پەسىللىك كۆكتاتلارنى تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بورتالا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت ساياھەت باغچىسىغا ئايلانغان.

     تۇەن-مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 86- تۇەننىڭ ھەر قايسى ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»لىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىستىراھەت ئۈزۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر تەرەپتىن مېۋە- چېۋە، كۆكتات تېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھويلا-ئاراندىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. قاتناش ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ تۇەن دەسلەپكى قەدەمدە يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەر ئەتراپى ساياھەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بورتالا شەھىرى ئاھالىلىرىنى بۇ جايغا كېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى.

      ھازىر بۇ تۇەندە ئەتىيازلىق بۆلجۈرگەن، قىشلىق بۆلجۈرگەن پارنىكىدىن 100 نەچچىسى بار.

      تۇەن-مەيدان ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 86- تۇەن 16- ليەننىڭ خىزمەتچىسى كاڭ جىنلەن ئۆزىنىڭ نامىدىكى يەرنى ئوبوروت قىلىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى.  ھازىر كاڭ جىنلەن بىلەن يولدىشى ئىستىراھەت ئۈزۈش باغچىسىغا ھەرخىل مېۋە- كۆكتاتلارنى تېرىدى، ئۈزۈمنىڭ ئالتە خىل سورتنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ۋە ئۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.

     كاڭ جىنلەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يەر تېرىشتىن كىرگەن كىرىمىم بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن قولۇمغا ھېچقانداق پۇل ئاشمايتتى، ئىسلاھاتتىن كېيىن، نامىمدىكى يەرنى  ئوبوروت قىلدىم، داۋالىنىش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتام كاپالەتكە ئىگە بولدى، «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ ئىستىراھەت ئۈزۈش باغچىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى