بۇ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرگەزمىسى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى شەنشى ياڭلىڭدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە «يېڭى يېزا ئىگىلىكى، يېڭى يېزا، يېڭى دېھقانلار» باش تېما قىلىنىپ، 110 نەچچە خىل زىرائەت يېڭى سورتى، 85 تۈرلۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسى، 210 نەچچە خىل دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى يېڭى مەھسۇلاتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈزگە يېقىن كارخانىنىڭ كېڭىشىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۈي فوتوسى)