تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى ياڭ يۇڭ: پىداكارلىق بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 10- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر باۋ شياۋجىڭ) ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ يۇڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق ئوت ئۆچۈرۈش 2- جۇڭدۈيىگە كىرگىنىڭىزدە، ئالدى بىلەن زال ۋە پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۈي تارىخى تېمىنى كۆرىسىز، 1989- يىلى خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىدىكى «12- ئاۋغۇست» ئوت ئۆچۈرۈش كۆرۈنۈشى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ قېتىمقى ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىدە، ماي باكى پارتلاش ئالدىدا تۇرغاندا، ياڭ يۇڭ نەق مەيداندا قېلىپ سەپداشلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېكىنىشىگە قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 33 ياشلىق ھاياتىنى تەقدىم قىلغانىدى.

ياڭ يۇڭ، ئەنخۇي دىڭيۈەندىن، 1975- يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، 1980- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىڭداۋ پورتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش دادۈيى 2- جۇڭدۈيىنىڭ خەلق ساقچىسى، بەنجاڭ، مۇئاۋىن جۇڭدۈيجاڭ، جىداۋيۈەن، جۇڭدۈيجاڭ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھەر قېتىملىق ئوت ئۆچۈرۈش جېڭىدە باتۇر، قەيسەر بولۇپ، ئىلمىي قوماندانلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ مال - مۈلكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

1989- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، چىڭداۋ پورتى خۇاڭداۋ ماي ئىسكىلاتىدىكى 5- نومۇرلۇق ماي باكىنى چاقماق سوقۇۋېتىپ ئوت كېتىپ، ماي رايونىدىكى باشقا ماي باكلىرى ھەمدە 2- قارارلىق ماي رايونى، ماي توشۇش پىرىستانى ۋە چىڭداۋ پورت ئىدارىسىنىڭ تەييار ماي ئىسكىلاتى، خۇاڭداۋ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان. سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياڭ يۇڭ ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنى باشلاپ ئۇدۇل ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا بارغان.

ياڭ يۇڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئالدىدا تەمكىن بولۇپ، خادىملارنى تەشكىللەپ 50 تۇڭ كۆپۈك سۇيۇقلۇقىنى ئىسكىلاتتىن يۆتكەپ چىقىپ، چوڭ قىسىم يېتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش جېڭى قىلىشقا تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كۆيۈۋاتقان 5- نومۇرلۇق ماي باكىدىن 30 مېتىر يىراقلىقتىكى شامال ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان جايدىكى 30 توننىدىن ئارتۇق بېنزىن، دىزېل مېيى ساقلانغان تۆت تەييار ماي باكىنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەگەر پارتلاش يۈزبەرسە، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى ئوت تېز سۈرئەتتە شىمالغا يامراپ، خۇاڭداۋ 2 - قارارلىق ماي باكى رايونى ۋە ماي پورتى شىركىتى ماي ئاققۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ياڭ يۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا كەسكىن قوماندانلىق قىلىپ، تەييار ماي باكىغا سۇ چېچىپ سوۋۇتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خادىملارنى ھۆل يوتقان ۋە ھۆل سامان خالتا بىلەن تەييار ماي باكىنى قوغداشقا تەشكىللەپ، ئوتنىڭ شىمالغا يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسقان.

جەڭدە ياڭ يۇڭنىڭ پۇتى يارىلانغان، رەھبەرلەر ئۇنى قىسىمغا قايتىپ ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلغان، ئۇ داۋالاش ئۆيىدە يارىسىنى ئاددىيلا تاڭدۇرۇپ، يەنە دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ئالدىنقى سېپىگە قايتىپ كەلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىغا تەخمىنەن ئون مېتىر ئارىلىق قالغان جايغا كەلگەندە، 5- نومۇرلۇق ماي باكىغا كەتكەن ئوت تۇيۇقسىز كۈچىيىپ، تېزلىكتە جەنۇبقا قاراپ يامرىغان، ئۇ كۆپ يىللىق ئوت ئۆچۈرۈش تەجرىبىسىگە ئاساسەن دەرھال خەتەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، يۇقىرىدىن چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ياڭ يۇڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ سەپداشلىرىنى چېكىنىشكە دەۋەت قىلغان. بۇ چاغدا 4 - نومۇرلۇق ماي باكىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ پارتلاپ، ياڭ يۇڭ قۇربان بولغان.

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ياڭ يۇڭغا «ئوت ئۆچۈرۈش جېڭى قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ نام بەرگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭداۋ شەھەرلىك كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز باش شىركىتى «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭداۋ شەھەرلىك كومىتېتى «چىڭداۋ شەھىرى بويىچە ئۈلگىلىك كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن.

«بىز قەھرىماننىڭ ئىزىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، شەخسىيەتسىز، قورقماس بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك» دېدى چىڭداۋ پورتى ئاۋىياتسىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلىدىكى چىڭمىڭدا ۋە «12 - ئاۋغۇست»تا، چىڭداۋ پورتى ئاۋىياتسىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ يۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش جەڭ خارابىسىگە كېلىپ، قەھرىماننىڭ ساداقەتمەن روھىنى ئەسلەشكە تەشكىللەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى