تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

پىداكارلىق كۆرسەتكەن ياڭ جاۋگۇي: «مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، تېز قوغلاڭلار»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يەن) «ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقسام، مەنمۇ دادامغا ئوخشاش قىلچە ئىككىلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەيمەن!» دېدى يۈننەن ئۆلكىسى شىنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئوۋياڭ يەنشۇ.

ئوۋياڭ يەنشۇنىڭ دادىسى ياڭ جاۋگۇي ھايات ۋاقتىدا يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى شىنپىڭ يىزۇ - دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىدى. جىنايەتچىنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇ قىلچە قورقماي ئۇنىڭ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان. بەختكە قارشى ئوق تەگكەندىن كېيىن، ئۇ سەپداشلىرىنىڭ ئاۋۋال جىنايەتچىنى تۇتۇشىدا چىڭ تۇرغان، ئۆزى يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ياڭ جاۋگۇي، 1955- يىلى تۇغۇلغان، شىنپىڭ ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ يېزىدا تۇغۇلغان، يۈشى ۋىلايەتلىك سەھىيە مەكتىپىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن، 1977- يىلى 3 - ئايدا شىنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ قانۇن دوختۇرى بولغان. ئۇ ھەر ئايدا ئالىدىغان 40 نەچچە يۈەن مائاشنى تېجەپ ئىشلىتىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئاناتومىيەگە ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، كەسپىنى تېخىمۇ كامالەتكە يەتكۈزگەن. قاتىللىق دېلوسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ ھەمىشە ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، نەق مەيدان ئەھۋالى مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولسىمۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەستايىدىل ئادا قىلغان. قانۇن دوختۇرى بولغان 12 يىلدا، ياڭ جاۋگۇي پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەربىر كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، جەمئىي 300چە تىرىك تەن، جەسەتنى تەكشۈرگەن ۋە ھەممىسىدىن توغرا يەكۈن چىقارغان.

ياڭ جاۋگۇي خەتەر ئالدىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئادەتلەنگەن. بىر قېتىم، ساقچىلار تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتقان، قايتقاندا بىر تىك ياردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، ناۋادا جىنايەت گۇماندارى قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ياڭ جاۋگۇي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىنى يالاپ ئېلىپ مېڭىپ، بۇ يولدىن ئۆتكەن.

1989- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنپىڭ ناھىيەلىك ئىشچىلار كۇلۇبى، مەدەنىيەت سارىيىدىن قىممىتى 1000 يۈەندىن ئاشىدىغان سىنئالغۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئوغرىلانغان. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياڭ جاۋگۇي خىزمەتداشلىرى بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئىنچىكە تەكشۈرگەن. 8- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەردە، ئىشچىلارنىڭ كۆكتاتلىقتىكى كەپىدىن بىر سىنئالغۇ ۋە بىر قىسىم سىن لېنتىلىرىنى تېپىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ياڭ جاۋگۇي دەرھال بېرىپ ئەھۋالنى ئىگىلىگەن ھەم بۇنىڭ ئوغرىلانغان زاڭ مال ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى زاڭ مال بايقالغان نەق مەيداندا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ جىنايەتچىنى تۇتۇشنى قارار قىلغان ھەم بىر نەچچە ساقلاش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ چاغدا، ياڭ جاۋگۇينىڭ ۋەزىپىسى تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چارچىغىنىغا قارىماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلاش نۇقتىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

سەھەر سائەت 4لەر ئەتراپىدا، يەنە بىر ساقلاش نۇقتىسىدىكى يولداشلار بىر ئېگىز، بىر پاكار ئىككى ياشنىڭ تىمىسقىلاپ زاڭ مال يوشۇرۇلغان جايغا كېتىۋاتقانلىقىنى، يۈرۈش - تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئېگىز بويلۇق ياش تار كوچىدىن چىقىپ شەپىنى كۆزىتىپ، يەنە ئەسلىدىكى يولنى بويلاپ قايتقان. قارشى تەرەپنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياڭ جاۋگۇي بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزى يالغۇز تۇيدۇرماي ئىز قوغلاپ ماڭغان. سۈرەتخانا ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، پاكار بويلۇق ياش بىر بولاق نەرسىنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان. جىنايەتچى بىلەن ئۇدۇل دوقۇرۇشۇپ قالغان ياڭ جاۋگۇي سەپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئامالسىز قالغان، ئۇ دەرھال: «توختا!» دەپ توۋلىغان. پاكار بويلۇق ياش زاڭ مالنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن قېچىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تاپانچىنى چىقىرىپ ياڭ جاۋگۇيگە ئوق چىقارغان. ياڭ جاۋگۇينىڭ قورسىقىغا ئوق تېگىپ، ئارتېرىيە تومۇرى يېرىلىپ، قان توختىماي ئاققان. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان سەپداشلىرى يېتىپ كېلىپ ئۇنى يۆلىگەندە، ئۇ ناھايىتى قىينىلىپ تۇرۇپ: «مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، گۇمانداردا قورال بار ئىكەن، تېز قوغلاڭلار!» دېگەن. ئارقىدىن، ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان. تاڭ سەھەر سائەت 5 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭ جاۋگۇي يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان. شۇ يىلى، ياڭ جاۋگۇي يۈننەن ئۆلكىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە 1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ نام بېرىلگەن.

ياڭ جاۋگۇي قۇربان بولغاندا، قىزى ئوۋياڭ يەنشۇ تېخى ئالتە ياشقا كىرمىگەنىدى. «دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، مەن پەقەت چوڭلارغا ئەگىشىپ يىغلاشنىلا بىلدىم.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا دادىسى بولمىغاچقا، ئۇ ئازابلانغان، چۈشكۈنلەشكەن ئىكەن. لېكىن دادىسىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇ بارا - بارا ساقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولغان. گەرچە دادىسى ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ مېھىر - مۇھەببەت ئاتا قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئۇلۇغ سۆيگۈ ئوۋياڭ يەنشۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنى ساقچى بولۇش ئىرادىسىگە كەلتۈرگەن.

2005- يىلى، ئوۋياڭ يەنشۇ يۈننەن ساقچى ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دادىسىغا ئوخشاش شىنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بولدى. تاغلىق رايون ساقچىخانىسىدا ئىشلىگەندىن تارتىپ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە ئىشلىگەنگىچە، بىلىپ - بىلمەيلا ئۇنىڭ ساقچى بولغىنىغا 14 يىل بولۇپ قالدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، قەھرىماننىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 30 يىل بولدى. 30 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلىدىكى چىڭمىڭدا، شىنپىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قەھرىماننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنى ياڭ جاۋگۇينىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سادىق روھىنى ياد ئېتىپ، قەھرىماننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تەشكىللەپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى