تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: بىز بىرلىكتە ئۈمىد ئۇرۇقىنى تېرىدۇق

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «يېقىندا، خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ، يەتتە مو يەردىكى 1- تۈركۈمدە ئېچىلغان پاختىلارنى تېرىشىپ بەردى، يەنە پاختا تېرىش ماشىنىسىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ماڭا ياردەم قىلىپ كۈزگى بۇغداي تېرىشىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» يېقىندا نامرات ئاھالە نامەت سېيىت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  كەنت ئاھالىسى نامەت سېيىت ئۆزىنىڭ ياڭاقلىقىدا كۈزگى بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغانىدى، لېكىن ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا بۇ ئىشنى ئىزچىل قىلالمىغانىدى، خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇغداي تېرىش ماشىنىسىنى ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، بەش مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىشىپ بەردى.   

    ئىگىلىنىشىچە، شايار ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ شايار بازىرى شياڭياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس كۈزگى بۇغداي تېرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 21 ئائىلىلىك نامرات ئاممىغا كۈزگى بۇغداي ئۇرۇقى ئالاقىلىشىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ 2.7 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، 13 ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

  «بىز كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە ئىلكىدىكى ماشىنىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كۈزگى بۇغداينى ۋاقتىدا تېرىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىلقى مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى خۇاڭ لىۋېي.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ما جى، لى بىن، گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى